11-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى ھەيۋەتلىك مۇراسىم بىلەن باشلاندى.
8-نويابىر ميۇنخېندىكى كرىستال مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا 23 دۆلەتتىن كەلگەن 250 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قاتناشتى. چەتئەللىك دىپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى بۇ قېتىملىق مىللىي كېڭەشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، نۇتۇقلار سۆزلىدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن سۆزگە چىققان د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناشما، ئويناشساڭ ئۆزۈڭنى ۋە پۈتۈن مەركىزى ئاسىيانى ئوتقا تىقىسەن» دەپ خىتاب قىلدى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىدىن كېيىن سۆز ئالغان «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىيۇس ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا قىزىق تېما بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە جىددىي قاراپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىنلار چاقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر مەنزىرىنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە چوقۇم خاتىمە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ سابىق خادىمى لۇئىسا خانىم سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەتلەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بەزى مەشھۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە خىتاي بىلەن ب د ت، خىتاي بىلەن ئامېرىكا، خىتاي بىلەن ياۋروپا قاتارلىق كۈچلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك توقۇنۇشلار باشلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رالىپ ئەپەندى سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇپلا قالماي، بۈگۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇجادىلە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى خەلقئارالاشقان، دۇنيا ئاخباراتىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ ئارقىدىن سەھنىگە چىققان «ياۋروپا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن كاي مۈللېر ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۈگۈن دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، بۇ غەزەپنىڭ كېلەچەكتە خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قەتئىي ۋە ئىزچىل كۈرەشلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان بېكىر ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ تەھدىتلەر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن ئۆزىدە دېموكراتىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى پارچىلاش ئۈچۈن پايدىلانماقتا،» دېدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا 1 مىليون ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پارلامېنتلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، غەرب جامائىتىنى قوزغاش لازىملىقىنى، بۇ سەپتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
باۋارىيا خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بېرند پوسسېلت ئەپەندى سۆزىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئىلگىرى ميۇنخېننى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھۆر دۆلىتىنى قۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلغانلىقىنى ۋە مەقسىتىگە يېتىپ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ميۇنخېننى باش شتاب قىلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ غۇرۇر، ئىپتىخار ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم مەقسەتلىرىگە يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پۈتۈن ياۋروپادا قىزىق تېما ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىش زۆرۈرلۈكىنى، يالغۇز گېرمانىيەنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۈچى بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر مەقسىتىگە يەتسە، ئۆزىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەلقئارا ئادۋوكات ۋە ب د ت نىڭ سابىق ئالاھىدە دوكلاتچىسى، خەلقئارا سوتنىڭ ھاكىمى بېن ئېممىرسون ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىدىن چۆچۈگەنلىكى، بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادا ئىنسان ئەقلى قوبۇل قىلمايدىغان بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇم بارلىقىدىن ھەيرانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بېرمانىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىدىن پەرقى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى ب د ت دىكى دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىگە تايىنىپ خەلقئارانىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا دېموكراتىك قوراللار بىلەن قوراللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. خىتايدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بۇ زۇلۇمنى يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇق بەرگەن ئادەملەرنى تېپىپ چىقىپ، خەلقئارا سوت ئارقىلىق جازالاشقا تىرىشىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىغا قارشى خەلقئارالىق سەپەرۋەرلىك قوزغاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىدى.
ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دوكتور درۇ گلادنېي سۆزىنى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» بىلەن باشلاپ، «ئەگەر شى جىنپىڭ ئۆز ئىشىدا غەلىبە قىلالايدىغان بولغان بولسا، مەن ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دېمىگەن بولاتتىم،» دېدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكىگە ئائىت تەركىبلەرنى خىتاينىڭ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما مەڭگۈ يوقىتالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق كۈچلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىرلىشىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدلىك بولۇشقا دەۋەت قىلدى.
فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گويتېر خانىم «ماڭا يولۇققان ئۇيغۇرلار داۋاملىق رەھمەت ئېيتىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن رەھمەت ئېيتقۇدەك ھېچ ئىش قىلمىدىم. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدىم. مەن بېيجىڭدا تۇرغان 6 يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى يازدىم. خىتاينىڭ ھەقسىزلىقلىرىغا ئائىت كۆپ ماقالىلىرىم نەشردىن چىقتى. خىتاي بۇنىڭغا قارىتا زۇۋان سۈرمىگەن ئىدى. مەن ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر ماقالە يېزىپلا خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدۇم. ئۇيغۇر تېمىسى خىتايدا باشقا ھەرقانداق تېمىغا ئوخشىمايدىكەن،» دېدى. ئۇ خىتاينىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، بېيجىڭدىكى باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تەھدىت سالماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولغان مۇخبىرلارغا تۇتىدىغان سەزگۈر مۇئامىلىسى ۋە توسالغۇسى ھەققىدە توختالدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا زالغا ئادەم پاتماي قانچە ئونلىغان كىشىلەر ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئېچىلىش مۇراسىمى چۈشتىن كېيىن سائەت 13 گە قەدەر داۋاملاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن مىللىي كېڭەشنىڭ ئىچكى يىغىنى باشلاندى.
0:00 / 0:00