مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «خەلقئارا تېررورلۇق» قا باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

2015-يىلىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە 6 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا شاڭخەي ئايرودرومىدا 9 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن 10 نەپەر تۈركنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالدىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ، گۇاڭشىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسىغا يېقىن پىڭشياڭ شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىر قانچىسىنى تۇتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

پۈتۈن دۇنيا پارىژدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىدىن جىددىي كەيپىياتقا چۆمگەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر قاتار سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ كەينىدە زادى قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش مەۋجۇت؟

بۇ ھەقتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي زۇلۇمىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاشقا ئۇرۇنۇشتەك سىياسىي قارا نىيىتىنىڭ ھېلىھەم كۈنتەرتىپتىن قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوفمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ 2015-يىلى كىرىشى بىلەنلا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئويۇنىنى نۆۋەتتە خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ قايتا بازارغا سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېقىندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە مەلۇم ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.