ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: نۇر بەكرى رەئىسلىككە سايلانمىدى، تەيىنلەندى
2013.02.04

ئۇنداقتا، نۇر بەكرىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى تەسىرى زادى قانچىلىك؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 5 يىلدىن بېرى تارقالغان ئىنكاسلار ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پىكىر ۋە باھالىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەئىس قىلىپ قايتا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى نۇر بەكرى ھەققىدە ئۇزۇندىن- ئۇزۇن تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرىنى ئېلان قىلماقتا. ماقالىلەردە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتى، خەلق ئىچىدىكى ئىززەت ھۆرمىتى، رايوننىڭ خىزمەتلىرىگە قاتقان تۆھپىسى ئالقىشلانماقتا. ئەمما بۇ ماقالىلەر، ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنى بىلمەيدىغان ۋە يۈرىكىنى چۈشەنمەيدىغان، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىدىكى مۇخبىرلار تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنماقتا. ئەمما، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا بولسا، يۇقىرىقىدىن تامامەن ئەكسىچە ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار تارقالماقتا. بۇنىڭدىن 3 يىل ئاۋۋال جەمئىيەتتە تارقالغان سالام نۇر بەكرى، نۇر بەكرى ناملىق شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن:
سالام نۇربەكرى، نۇربەكرى،
ساڭا مەندىن سالام كەتتى،
سالام قاتارى ئەل دەردى،
نارازىلىق تامام كەتتى.
نېمە دەر دەپ سورىما مەندىن،
خەلق پەيلى يامان تۇرار.
ۋە ھەتتا سېنى تىللاپ،
ئېغىزلىرى يامان كەتتى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، نۇر بەكرىنىڭ، ئىقتىدارسىزلىقى ۋە رەئىسلىككە لاياقەتسىزلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
-مەن نۇر بەكرىنىڭ قانداقچە رەئىس بولۇپ قالغىنىنى بىلمەيمەن ۋە ئۇنى لاياقەتلىك بىر رەئىس دەپ تونۇمايمەن. ئىلھام توختى 2009-يىلدىكى زىيارىتىمىز داۋامىدا، نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەنپەئىتىنى ئويلىمايدىغانلىقىنى، ئەتىگەندىن كەچكىچە، مەركىزى ھۆكۈمەتكە ياخشىچاق بولۇشنىڭ كويىدا ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەمئىيەتتە نۇر بەكرى ھەققىدە «ۋاڭ بەكرى»، «نۆل بەكرى» دېگەندەك لەقەملەر بار. بۇ لەقەملەردە نۇر بەكرىنىڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مانا مۇشۇنداق تەسىرگە ئىگە بىر كىشى بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا، رايوننىڭ رەئىسلىكىگە قايتىدىن تەيىنلەندى. ئۇنداقتا، نۇر بەكرىنىڭ خىتاي مەركىزىگە ياراپ كەتكەن تەرەپلىرى قايسىلار؟ بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى ئوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز بۈگۈنكى بۇ پروگراممىمىزنى، نۇر بەكرى ھەققىدە يېزىلغان ساتىرا مىسرالىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
باشلىق بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي،
ئاجايىپ بىر ئەقىل تاپتىڭ.
قوش تىل دېدىڭ چىرايلىق قىلىپ،
لېكىن تىلىم قايان كەتتى.
ئېشىنچىدۇر ئەمگەك كۈچى،
ئوغۇل ئەمەس قىزلىرىمىز.
قىزلار يۈرەر ئىچكىرىدە،
ئانا يىغلار بالام كەتتى.
قىز يۆتكىدىڭ ئىچكىرىگە،
فابرىكىدا ئىشلەيدۇ دەپ.
ئوغۇل بولماسمۇ بۇ ئىشقا،
ئاچچىق يۇتۇپ ئاتام كەتتى.
«ئۇيغۇرلاردا تېخنىكا يوق،
خەنزۇ يولداش ئىلىپ كەلگەن.
ئۇلار بىزنىڭ ئۇستازىمىز»،
بۇ سۆزلىرىڭ قارام كەتتى.
ئۆز ئېلىڭدە ئۇيغۇر خەلقىڭ،
ئىش تاپالماي يۈرەر سەرسان.
خەنزۇ دېھقان تېخنىك بولدى،
بۇ ئۇلارغا بۇ ئاسان كەتتى.
ئانا يۇرتتا تولۇپ ياتقان،
ئالتۇن، كېۋەز، نېفىت، قاشتاش.
يۇرتۇمدا يوق كىچىك كۆلچەك،
ئىچكىرىگە چوڭ ئېقىن كەتتى.
خەلق ئېغىزى يامان ئىكەن،
دېدى سېنى خىتايپەرەس.
مەن بۇ گەپنى دېيەلمەيمەن،
قەغەز بىلەن ئاران كەتتى.
ئاپتونومغا رەئىس ئىدىڭ،
ئىسمى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىدى.
ئارىلىمىدىڭ خەلقنى سەن،
يامان نامىڭ ھەر يان كەتتى.