قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەنكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى يېمەكلىكتىن باشلاش قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «ھالاللىققا قارشى» تۇرۇش كۈچەيتىلگەن ئىدى. ئەمما دەل مۇشۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئافرىقا چوشقا زۇكىمى تارقىلىشى سەۋەبلىك، يېمەكلىك بازارلىرىدا چوشقا گۆشىنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئېلىنغان. ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چوشقا گۆشى ئەندىشىسى كۈچەيگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى يېمەكلىكتىن باشلاش نامىدىكى سىياسىي ھەرىكەتنى قوزغىشى ئەمەلىيەتتە، «ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش» تىن دېرەك بېرىدىكەن.
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىدا 22-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا، پۈتكۈل مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى يېمەكلىكتىن باشلاش قەسەمياد يىغىنى» نى ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى فېڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنئىڭ قەسەم بېرىپ، «ھەرقايسى مىللەتلەر يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ جۇڭخۇا يېمەكلىك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، شۇڭا يېمەكلىك ئادىتىدە ئېچىۋېتىش، ئۆز-ئارا يۇغۇرۇۋېتىش تەشەببۇسىنى يولغا قويۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ دىنىي رادىكاللىق تەشەببۇسىدىكى ‹پان-ھالالىزم› ئىدىيەسىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا مەيدانى مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن» لىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر قەسەمياد يىغىنى ھەققىدە مەكتەپتىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى ئالغان خىزمەتچى خادىملار قەسەمياد يىغىنى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جاۋابىدىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىر ئىلگىرىكى يىللاردىكى مىللىي ئاشخانىلارنىڭ يوقلۇقىنى مەلۇم بولدى.
قەشقەردەك ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى مەدەنىيەت مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىي مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان بۇ شەھەردىكى زور ساندا ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا بولۇۋاتقان تەشۋىقات چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىگە ئايلىنىپ بولغان ھالال يېمەكلىك ئەقىدىسىمۇ نۆۋەتتە باستۇرۇلۇش نىشانىغا ئايلانغان بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا جىددىي ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى يېمەكلىكتىن باشلاش قەسەمياد يىغىنى» بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «پان-ھالالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش» قەسەمياد يىغىنلىرىنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كېڭەيتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى بۇ پائالىيەتتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مارالبېشى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھالال يېمەكلىكنى چەكلەش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ھەققىدىكى نەق مەيدان تېلېۋىزىيە خەۋىرىنى تارقاتقان ئىدى.
ئەينى چاغدىكى تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە 1-2-سېنتەبىر كۈنلىرى مارالبېشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پۈتكۈل ناھىيەدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشكە سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، مارالبېشى ناھىيىسى يەر-سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى يۈسۈپ رېشىت «دوستۇم، ماڭا مۇسۇلمانچە ئاشخانا تېپىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئايالىنىڭ خىتايلىقىنى بىلدۈرگەن يۈسۈپ رىشىت «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىك ئادىتىدىكى ھالال يېمەكلىك ئەقىدىسى يەنى مۇسۇلمانچە تاماق دەپ ئايرىشنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئارىسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن دىننى باغلىۋېلىشقا بولمايدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىمۇ سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ «پان-ھالالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشى» نى، ئۇلاردا «يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ھېچقانداق چەكلىمە مەۋجۇت بولماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاراتقۇلاردا يەنە ھەرقايسى يېزىلارغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرىنىڭ يېزىلاردىكى ئاۋام خەلق ئارىسىدا «يېمەكلىكلەرنى مۇسۇلمانچە دەپ ئايرىشنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى ئاساسىي خىزمەت نىشانى قىلىپ تۇتۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپەيگەن.
بۇ خىل خەۋەرلەردە، يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ لەززەتلىك تائام مەدەنىيىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى» خەۋەر قىلىنغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە، مارالبېشىنىڭ ئالاغىر يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مۆمىننىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى باشلاپ، خىتاي ئاشپۇزۇلىدا چوشقا گۆشىدە ئېتىلگەن تاماقلارنى يېيىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەنلىكى مەدھىيەلەنگەن.
ھالبۇكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «پان-ھالالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشى» نى، «يېمەك-ئىچمەكتە ھېچقانداق چەكلىمە بولماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان مەزگىلنىڭ ئۆزىدە، يەنى بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكە شەھەرلىرىدە ئافرىقا چوشقا زۇكىمى تارقىلىشى سەۋەبلىك، يېمەكلىك بازارلىرىدا چوشقا گۆشىنى چەكلەش تەدبىرلىرى باشلانغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە 8-ئايدىن بۇيان ئافرىقا چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى خىتايدىكى ئۆلكە-شەھەرلەرگە تېزلىكتە كېڭەيگەن. خىتايدا بارغانچە كېڭىيىۋاتقان ئافرىقا چوشقا زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتايدىكى ئون ئىككى جايدا چوشقا گۆشى يېمەكلىكلىرىگە قارىتا چەكلىمە يولغا قويۇلغان.
24-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مال-چارۋىلاردىكى كېسەللىكلەرگە مەسئۇل ئىشخانىسىنىڭ خادىمى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئافرىقا چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك يولغا قويۇلغان «چوشقا گۆشى يېمەكلىكلىرىنى چەكلەش تەدبىرى» ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.
بۇ خادىم بايانىدا، بۇ يىل 9-ئاينىڭ باشلىرى ئېلىپ بارغان يىگىرمە بىر قېتىملىق چوشقا زۇكىمىدا يۇقۇملانغان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئافرىقا چوشقا زۇكىمىدا يۇقۇملانغان چوشقىلارنىڭ ئاتمىش ئىككى پىرسەنتى ئاشخانا-رېستۇرانلارنىڭ يۇندىسىدا بېقىلغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشخانا-رېستۇرانلارنىڭ يۇندىسىدا چوشقا بېقىشنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چوشقا گۆشى ئەندىشىسى كۈچەيگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى يېمەكلىكتىن باشلاش نامىدىكى بۇ خىل «پان-ھالالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش» سىياسىي ھەرىكەتنى قوزغىشى ئەمەلىيەتتە، «ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش» تىن دېرەك بېرىدىكەن.
تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە ھازىرغا قەدەر خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشىغا قارىتا تەنقىتلەشلەر داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىقىنى، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تاراتقۇلار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنى تاقاشتىن سىرت ئاۋام خەلق تەرىپىدىن ئېچىلغان بارلىق مۇسۇلمانچە ئاشخانا-رېستۇرانلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىكى «ھالال» ياكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتلەرنى ئۆچۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.