قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەدىبلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

23-يانۋاردا ئالمۇتا شەھىرىدىكى مىللىي كۇتۇپخانىدا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە دراماتورگى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئەدەبىيات ۋە تىياتىر ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى. مىللىي كۇتۇپخانا تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇراسىمغا قازاق ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ھەر مىللەتلەردىن بولغان ئەدەبىيات ۋە تىياتىر ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى.

بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئەركىن ئىجادىيەتلىرىگە كەڭ ئىمكانىيەتلەر يارىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تەقىبلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار، زىيالىيلارنىڭ لاگېرلارغا ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

يىغىننى كىرىش سۆز بىلەن ئاچقان مىللىي كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى جانات سېيدۇمانوف ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرىينىڭ ئىجادىي ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر ۋە تەرجىمان دائۇلېتبېك بايتۇرسىنوف ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە تەپسىلىي توختالدى.

ئۇچرىشىشتا سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، كۆرنەكلىك شائىر بائۇرجان جاقىپ يازغۇچىنىڭ قازاقىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا پۈتكۈل قازاقىستان يازغۇچىلىرى نامىدىن تون كىيدۈردى. يازغۇچى ھۆرمىتىگە بېغىشلانغان بۇ يىغىندا سۆزگە چىققان كۆرنەكلىك قازاق ئالىملىرى، يازغۇچى ۋە شائىرلىرى، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن تونۇلغان ئالىم ئالىمجان ھەمرايېف، رۇسىيەلىك شائىر ۋېليام سادىقوف، بىر قاتار ئۇيغۇر جەمئىيەت ۋەكىللىرىمۇ سۆزگە چىقتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر دائۇلېتبېك بايتۇرسىنوف مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەخمەتجان ئاكا بىلەن بىر ياخشى ئۇچرىشىش بولدى. ئۇنىڭدا يازغۇچىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى، ئۇنىڭ توغرىلىق يازغۇچىلارنىڭ پىكىرلىرى ۋە يازغۇچىنىڭ ماقالىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىگە، ياخشى يازغۇچى ئىكەنلىكىگە كۆپچىلىك پىكىر ئېيتتى. ئەخمەتجان ئاكا ئۇيغۇر-قازاق ئەدەبىياتىغا ئالتۇن كۆۋرۈك بولۇۋاتقان ئادەم. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئارقىلىق ئۇنى ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».

ئەخمەتجان ھاشىرى بىلەن بولغان بۇ ئۇچرىشىشتا يازغۇچى ئەسەرلىرىنىڭ كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى ھەم ئۇنىڭ ئىجادىغا بېغىشلانغان ھۆججەتلىك فىلىم ھاۋالە قىلىندى. يىغىن داۋامىدا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى يېنىدىكى «ناۋا» فولكلور ئانسامبىلى ئارتىسلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا مىللىي ناخشا-سازلار ئىجرا قىلىندى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئەسەرلىرى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلى ئوقۇرمەنلىرىگىمۇ ياخشى تونۇش ئىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلق نەشرىياتىدا يازغۇچىنىڭ تۇنجى قېتىم «يەرگە تۆكۈلگەن ياش» ناملىق پوۋېستىدىن پارچىلار، «تۇرپان» ژۇرنىلىدا بىر قاتار ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 2001-يىلى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئۇنىڭ يۇقىرىدا ئاتىغان «يەرگە تۆكۈلگەن ياش» ناملىق پوۋېستى تولۇقى بىلەن بېسىلغان ئىدى.

ھازىر بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يازغۇچىلار بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلەر پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى سىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچىلار بىلەن ئالاقىنىڭ تامامەن ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېچىنىشلىق بىلەن تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە بولا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن 80 يىللىقىمنى ئۆتكۈزمەيمەن دېدىم، چۈنكى مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ھازىر ھەسرەتتە، غەم-قايغۇدا. خەلقنى قانچە قىينىغانسېرى، ئۇنىڭ قەلبىدە بەرىبىر ئەنە شۇ قىيناشلار قالىدۇ. ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئەسكى نەرسىلەرنى قالدۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇمۇ ئۇزاققا سوزۇلماس دەپ ئويلاۋاتىمەن. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار خەلق ئۈچۈن يارالغانلاردۇر. ئۇلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش ھېچ قانداق ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئۇلار بەرىبىر تارىختا قالىدۇ.»

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋال ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھېسابلايدىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنى، ئۇيغۇرلارنى تۇغقان دەپ كۆرىدىغان ھەر قانداق بىر تۈركىي خەلقنى بېپەرۋا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىكەن.

تېلمان نۇراخۇنوف مۇنداق دېدى: «ئانا ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ناھايىتى چوڭ ئەدەبىياتتۇر. شەخسەن ئۆزۈم تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى چوڭ يازغۇچىلاردىن ئۈلگە ئالغان. ۋەتىنىمىزدە ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشى، بىز بىلگەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقانلىقى بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان توختىتىش سىياسىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقىتىش، ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېقىمىغا سېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋەتىنىمىزدىكى يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە توختاپ قېلىشى ناھايىتى پاجىئەلىك ئەھۋال دەپ ھېسابلايمەن. بۇنىڭغا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى باشقا يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىمۇ ئاۋاز قوشۇشى كېرەك.»

تېلمان نۇراخۇنوف پۈتكۈل دۇنيا يازغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان يازغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىردى.

ياش شائىر ۋىليام مولوتوف ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا ناھايىتى ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار خەلقىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن چوڭ كۈلپەت. ھەر بىر ئۇيغۇر مۇشۇ داۋانى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان مەملىكەت باشچىلىرىغا، دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتلىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە چوڭ مىقىياستا يەتكۈزۈشى كېرەك.»

ئەخمەتجان ھاشىرىي ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ئەدىبلىرى خىتاي ئۆز بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل مىليونلاپ ئىنساننى سولىغان لاگېرلىرىنى تاقاشقا لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن زىيالىيلارنى، ئەدىبلەرنى قويۇپ بېرىشكە، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا چاقىردى.