تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى» نىڭ 9-قېتىملىقى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرە رايونىدىكى سايەبان مېھمانخانىسىدا باشلىنىپ 11-ئىيۇل كۈنى چۈشتە ئاخىرلاشتى.
3 يېرىم كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئارقىدىن ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنلىرى ھەرقايسى تېمىلار بويىچە دوكلات بېرىلىپ، دوكلات ئاخىرىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەھبەر ۋە ئەزالىرى، بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق 14 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 130 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جەلال ئەرباي ئەپەندى، سائادەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يىلماز بايات ئەپەندى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.
سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان مەسىنىڭ تۈركىيەنىڭمۇ مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يىلماز بايات ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇندىن كېيىنمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى بىلەن دۆلەت مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندىنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 9-ئىيۇل كۈنى بولسا تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ئاسىيا ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ يوللىرى»تېمىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەپەندى «ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى»، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇللاھ ئۇزتاز بولسا «ئۇيغۇرلارغا ئورتاق ۋە ئۇچۇر مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئاخبارات» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئاخىرىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. 10-ئىيۇل كۈنى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك باسقۇچلىرى» تېمىسىدا، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مىللىي مەپكۇرە ۋە ئاڭنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن مۇلاھىزە ۋە ئەمەلىي لايىھەلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە» تېمىسىدا دوكلات بەرگەندىن كېيىن يىغىن ئەھلى ئۇلاردىن سوئاللار سورىدى.
ئىلمىي دوكلاتلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە 4 ماددىدىن تەركىب تاپقان قارار ماقۇللانغان بولۇپ، ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مەزكۇر قارار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى 9-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قاتناشقان كىشىلەرنىڭ تەسىر دائىرىسى جەھەتتىن بولسۇن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
نورۋېگىيەدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان قۇربانجان ئارىف ئەپەندى يىغىننىڭ ھەر جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىننىڭ ئۆتكەن 8 قېتىملىقى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر قېتىملىقىدا مەلۇم تېمىلار توغرىسىدا دوكلات بېرىلىپ ئۆتكەن ئىكەن. بۇندىن كېيىنكى ئۇچرىشىشلاردا كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يوللىرى ئىزدىنىدىكەن.
0:00 / 0:00