يەرلىك ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ «ئۇيغۇر-خەنزۇ قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتىگە باھا بەردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-12-08
Share
chen-quanguo-chen-chuengo-4.jpg ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆزدە.
cpad.gov.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «ئۇيغۇر -خەنزۇ قوشماق تۇغقاندارچىلىق» مۇناسىۋىتى قۇرۇش ھەرىكىتى بۇ يىل 9‏-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ چېن چۈەنگو بۇ يىل 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكىلىپ كېلىپ يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى.

مەزكۇر ھەرىكەتكە كۆرە رايوندىكى خىتاي كادىرلار ئۇيغۇر ئائىلىلەر بىلەن، ئۇيغۇر كادىرلار خىتاي ئائىلىلەر بىلەن «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك. بۇ ھەرىكەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىسقىغىنە 2 ئاي ئىچىدە تېز كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بارلىق ناھىيە، يېزا، كەنتلىرىنى قاپلىغان.

يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاۋام خەلق بۇ ھەرىكەتكە قانداق قارايدۇ؟ بىز يەرلىك خەلقلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى سورىدۇق. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئوقۇتقۇچى ئايال، ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق يېزىدا خىتاي ئائىلە بولمىغاچقا، بىر ئۇيغۇر ئائىلە بىلەن تۇغقاندارچىلىق ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇتقۇچى: ھەئە، بىزمۇ تۇغقان بولۇۋاتىمىز. بىزنىڭمۇ تۇغقانلىرىمىز بار. بىر نامرات ئائىلە، يەنە بىرى سىياسەت خاراكتېرلىك يۆلەيدىغان نامرات بولۇپ، ئىككىيلەن بىلەن تۇغقان.

مۇخبىر: ئۇ سىياسەت خاراكتېرلىك يۆلەيدىغان نامرات، دېگەن قانداق ئائىلە؟
ئوقۇتقۇچى: تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالىدىغان، 60 ياشتىن ئاشقانلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان نامراتلار. بىزنىڭ بۇ يەردە باشقا مىللەت ئاز بولغاچقا، شۇلار بىلەن بولۇپ، شۇلارنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىسىلەر. قانداق نېمىسى بولسا، ئۆز تۇغقىنىڭلاردەك ھەمنەپەس بولۇپ، ئۆز مېھمان ۋە ئېغىر -يېنىك ئىشلىرىدا يېقىن تۇرۇپ قىلىپ بېرىسىلەر، دەپ، بىردىن تۇغقىنىمىز، بىردىن يۆلەيدىغان نامرات ئائىلىمىز بولدى. ھەر ئىككى تۇغقانلىرىمىز ئۇيغۇر ئائىلە.

مۇخبىر: بۇ ھەرىكەت «ئۇيغۇر-خەنزۇ تۇغقاندارچىلىقى» دەۋاتاتتى، سىز ئۇيغۇرلارنى تۇغقان تۇتۇۋاپسىزغۇ؟
ئوقۇتقۇچى: بىزگە خىزمەت تەقسىماتىدا شۇنداق بۆلۈپتىكەن، خەنزۇ يولداشلار كەم، ئۇلارنى ئۇرۇق -تۇغقان بولىسىلەر، شۇلارنى ئۇرۇق-تۇغقىنىم، دەپ بىلىڭلار، دەپ.

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا بىر يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر خىزمەتچى خادىم، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئوخشاشلا ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق يېزىدا قانات يېيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر خادىم: مۇشۇ يەردىمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپ شۇنداق ياخشى پائالىيەتلەر بولۇۋاتىدۇ. ئىدارىنىڭ يۆلەش ئوبيېكتى قىلىپ، ياشىنىپ قالغان بىر ھەدىمىز بىلەن بىر مېيىپ بالىنى ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن يۆلەپ (تۇغقان) قىلىپ كېتىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر. لېكىن خەنزۇلار ھەم بار. ئىدارىنىڭ باشلىقلىرى بۆلەك ۋىلايەتلەردە شۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئۇ نىمىنى، تىلنى قانداق قىلىۋاتىسىلەر؟ تىلنى قانداق تېپىشىسىلەر؟
ئۇيغۇر خادىم: مەسىلەن، بىزنىڭ ئىدارىدە خەنزۇلار كۈندە 2 سائەتتىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتىدۇ. مۇنداق ئىشلار بار. ئۇلار 2 سائەت ئۇيغۇرچە، بىز خەنزۇچە مۇنداق ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

مۇخبىر: بۇنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىش ياخشى ئىش، دەپ قاراپسىز؟ مەسىلەن، سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە سىز تونۇمايدىغان خەنزۇنى ئەكېلىپ، شۇنىڭ بىلەن تۇغقان بول، دېسە، بۇ، سىز ئۈچۈن بەك ئېغىر تۇيۇلمامدۇ؟ چۈنكى ئوتتۇرىلىقتىكى پەرق بەك چوڭ.
ئۇيغۇر خادىم: ئەمدى ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداق قىلغىنى ئەمدى شۇ چوڭ پەرقنى كىچىكلىتىش. بېشىدا مەجبۇرلاپ قىلغان بولسا، بىرەر ئايدىن كېيىن ئەركىن-ئازادە قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزى تەدرىجىي تۇغقان بولۇپ، ئۆز-ئارا ئىزدىشىپ، چۈشىنىشىپ كېتىدۇ.

مۇخبىر: مەسىلەن، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلاردا ياكى مەھەللە كويلاردا، بۇنداقمۇ بولامدۇ؟ بولسا ئۆزىمىزگە قويۇپ بەرسە بۇ ئىشنى، ئۆزىمىز خالىغان ئادەم، خالىغان يول بىلەن نورمال، تەبىئىي ئۆزىنىڭ رىتىمى بىلەن بولسا بۇ ئىش، ھۆكۈمەت بىزگە بۇنى بۇنداق تاڭسا قانداق بولىدۇ، دەيدىغان پىكىر ياكى نارازىلىق بارمۇ؟
ئۇيغۇر خادىم: (مەن) ماۋۇ گەپكە جاۋاب بېرىپ بولالمايدىكەنمەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيەسىدىكى بىر باجخانىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭ بىر «خىتاي تۇغقىنى» بارلىقىنى ۋە شۇنچىلىك «ياخشى» ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تازىلىقچى ئايال : بىر تۇغقىنىمىز بار، مۇشۇ خەنزۇ يولداشتىن بىرى بىز بىلەن تۇغقان. شۇنچىلىك ياخشى، كېلىشىپ قويۇق ئۆتىمىز. )ئائىلە( ئۆز-ئارا بېرىش-كېلىش قىلىپ، تاماق ئېتىپ يەپ، بىزنى مۇنداق چاقىرىپ، شۇنداق قىلىدۇ.

مۇخبىر: خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا شۇنچىلىك زور پەرق بار، ئىككى مىللەت ئۆز-ئارا بېرىپ-كېلىش قىلغان ۋاقىتلاردا قايسى مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا پىكرى ئىختىلاپى چىقىدۇ ياكى بولمىسا، پىكىر بىرلىكى بولالمايدىغان مەسىلىلەر قايسىسى؟
تازىلىقچى ئايال: ھەئە، مەن ئۇنى بەك چۈشىنىپ يەتمەيلا، بۇ يەردە ھېلىقى بىر توغرام ناننى تالىشىپ يەپلا، ئۇنىڭ پەرقىنى بەك ئايرىيالمايلا قالدىم. ئۇنداق بىر-بىرىمىزگە نېمە قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇقالمايلا قالدىم.

مۇخبىر: خەنزۇلار تاماق مەسىلىسىدە بەك قىينىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، خەنزۇلارنىڭكى تاماق مەسىلىسىگە قويغان ئۆلچىمى بىر ئاز كەڭرەك، ھېچقانداق چەك-چېگرىسى يوق. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەسىلىسىدە چەك-چېگرىسى بار. چۈنكى، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان، بەزى نەرسىلەرنى يېمەيدۇ. مەسىلەن، چوشقا يېمەيدۇ، ئېشەك گۆشى يېمەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەر بار، شۇلارنى قەتئىي يېمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىسىلەر؟
تازىلىقچى ئايال: ئۇلار ھازىرقى ۋاقىتلاردا ئۇنداق نەرسىلەرنى يېمەيدىغان بولۇپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا بەك نېمە قىلمايمەن. ئۇنداق شەك چۈشمەيدۇ. ھازىر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى بىر تال يېمەيدىغان بولۇپ قالدى.

مۇخبىر: بۇ مەسىلىدە بىر سۆھبىتىڭلار بولدىمۇ؟ مەسىلەن، بىز يېمەيمىز چوشقىنى، سەن قانداق ئېتىۋاتىسەن؟ قايسى قازاننى ئىشلىتىۋاتىسەن؟ دېگەن مۇنداق بىر سۆھبەت ياكى ئۇنىڭ سىزگە بولغان بىر چۈشەندۈرۈشى بۇ توغرىلىق؟
تازىلىقچى ئايال: ئۇنى دېمىدى، ئۇنىڭدىن شەكلەنمىدى. ئۇ سۇ دېگەن ھەممە نەرسىنى پاكلايدىغان نەرسە، لېكىن ئۇلار ھېلىقى مىكروبلارغا بەك دىققەت قىلىدۇ، ئۇلار.

مۇخبىر: ياق، بۇ يەردىكى مەسىلە مىكروب مەسىلىسى ئەمەس، مېنىڭ سوراۋاتقىنىم، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلق بولغاچقا، ئۇلاردا ھالال-ھارام مەسىلىسى بارغۇ، شۇنى سوراۋاتىمەن؟
تازىلىقچى ئايال: ھەئە...ھە،ھە، ياق، ياق. مەن ئۇنى ئۇنداق شەكلىنىپ باقمىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «تۇغقاندارچىلىق» ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايوندىكى «ئىناق كەيپىيات»نىڭ ئىپادىسى. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، «دىن، مەدەنىيەت، تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى پەرقلىق بۇ ئىككى خەلقنى ئۆز-ئارا «تۇغقاندارچىلىق» قا مەجبۇرلاش بىر خىل «سىياسىي تاكتىكا».
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كونترول قىلىش» دەيدۇ.

دوكتور قاھار بارات: «مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى 1‏-مەسىلە، مىللەتلەر بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇشى ۋە ھاياتىغا ھۆرمەت قىلىش 1‏-ئورۇندا بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا مىللەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش ئازراق چىقىدۇ. ئەمدى بۇ يەردىكى بۇلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان بىر تاكتىكىسى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئائىلىلەر بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتنى سۈنئىي ھالدا چىڭ باغلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قاتلاممۇ-قاتلام كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان» دېدى.

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇيغۇرلارغا باغلىقكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار دىن، تىل، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە پەرقلىق. ئەمدى بۇ يەردە بۇنچىلا جىق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي تورنى چاچقان ئەھۋالدا چوقۇم ئۇنىڭ بىر تېگىشلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ نېرىسى ئۇيغۇرلار ئۆزىگە باغلىق. بۇنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تىكلەش نېمىسىگە بۇ قانداق تەسىر قىلىدۇ، بىز ھازىر ئۇقمايمىز. لېكىن بۇلار بىر غەلىتە ئىشلار.»

چېن چۈەنگو ئىلگىرى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىنى ئاتقۇرغان مەزگىلدە، خىتايلار بىلەن تىبەتلەر ئۆز-ئارا توي قىلىش ھەرىكىتى باشلاپ، ئۆز-ئارا تويلاشقان تىبەت-خىتاي جورىلارغا نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقارغان ئىدى.

ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت