تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقاندارچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر جايغا جەم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقاندارچىلىق سىياسىتى» نى قاتتىق ئەيىبلىدى. يىغىلىشتا خىتاينىڭ مەزكۇر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش ۋە تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تەلەپنامە سۇنۇش قارار قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ۋە سۆھبەت يىغىنىنىڭ بۇ ئايلىقى 5-يانۋار كۈنى جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابلەت ھاجىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئۆمەر قارىمىنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.

يىغىندا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانچىلىق سىياسىتى» نى تەنقىد قىلدى ۋە بۇ قىلمىشلارغا قارشى تۈركىيە تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلىسىنىڭ تۈرمىگە قامالغان سەرگۈزەشتلىرىنى يېزىپ تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا، تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەرز سۇنۇش، ياردەم تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشقا چاقىرىق قىلدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيارى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانچىلىق سىياسىتى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرى بولغان ئۆيگە يات ئەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىنىڭ قەتئىي چەكلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىش كېرەكمۇ، تەشۋىقات قىلىش كېرەكمۇ ياكى باشقا نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئورتاق بىر پىلان بىلەن ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئازاب كۈلپەتلەرنى تۈركىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق جامائەت پىكىر پەيدا قىلىش بۇ ئارقىلىق ئەنقەرەگە تەسىر كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى.