يالقۇن روزى بىلەن ساتتار ساۋۇتنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.25
yalqun-rozi-sattar-sawut.jpg ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندى(سولدا)، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ئەپەندى(ئوڭدا).
Social Media

يېقىندا رادىيومىز «ۋەتەندىن سادا» ناملىق ئۇزۇن بىر پارچە ئىنكاس مەكتۇپى تاپشۇرۇۋالدى. مەكتۇپ ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە خىزمەت ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر كادىر تەرىپىدىن يېزىلغان. مەكتۇپنىڭ بىر بۆلىكىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى، ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ بولسا مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى، ساتتار ساۋۇت بىلەن يالقۇن روزىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئېغىر ئىنتىزامغا خىلاپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تۇنجى قېتىم، خىتاينىڭ «سۇمۇرغ» خەۋەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. 2017-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە، ساتتار ساۋۇت بىلەن بىرلىكتە جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى نىجات ئاۋدۇن، ئەلى ئىمىن قاتارلىق 6 ئەمەلدارنىڭمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى دېيىلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. مەشھۇر ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىككى يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە سۆز تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بىرەر گۇۋاھچى ياكى ھۆججەتلىك ماتېرىيال ئاشكارىلانمىغان ئىدى. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا رادىيومىزغا كەلگەن «ۋەتەندىن سادا» ناملىق بىر مەكتۇپتا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر قاتار مۇھىم ئەھۋاللار ئىنكاس قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، سابىق نازىر ساتتار ساۋۇت بىلەن ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭمۇ جازالانغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىشتە، ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان، ھۆججەتلىك سىن فىلىمى كۆرسىتىلمەكتە ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، فىلىم 1، فىلىم 2 ۋە فىلىم 3 دەپ قىسىملارغا بۆلۈنگەن بۇ ۋىدىيولۇق تەشۋىقات ماتېرىيالىدا ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئەمەلدارلار ئىچىدە جازالانغانلاردىن بىر قىسمىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى بايان قىلىنغان. مەكتۇپتا مانا مۇشۇ فىلىمغا ئاساسەن بايان قىلىنىشىچە، سابىق نازىر ساتتار ساۋۇت، يالقۇن روزى، ئالىمجان مەمەت ۋە ئوسمانجان قاتارلىق بەش كىشىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە بىر گۇرۇھ دەپ تونۇشتۇرۇلغان؛ مەلۇم بولۇشىچە، فىلىمدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەھبۇس كىيىمى بىلەن كۆرسىتىلگەن؛ سابىق نازىر ساتتار ساۋۇتقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىشى بۇيرۇلغان؛ ئوبزورچى يالقۇن روزىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. «ۋەتەندىن سادا» ناملىق بۇ مەكتۇپتا ئەسكەرتىلىشىچە يالقۇن روزىنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىر ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تۈركچىلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۈگۈن رادىيومىزغا كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە، پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يىغىن ئېچىپ سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بارغان. يىغىندا يۇقىرىدا دېيىلگەن بىر ساقچى ھۆججەتلىك فىلىمى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئىنكاس خەتتىمۇ ئەنە شۇ فىلىمغا ئاساسەن دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 6 نەپەر خادىمى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلە ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. فىلىمدا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش جىنايى پاكىتلىرى قاتارىدا، ئۇلارنىڭ، دەرسلىك كىتابلىرىغا ئەخمەتجان قاسىمى، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مانا بۇ ئىككى مەكتۇپتا دېيىلگەنلەر، بىز ئالدىنقى ھەپتە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، تۆۋەندىكىچە دەلىللەندى:
سوئال: سىز تەشۋىق قىلىۋاتقان شۇ «جىڭ شىپيەندە»(ساقچى سىن فىلىمىدا) ئازاد سۇلتاندىن باشقا يەنە كىملەر بار؟

جاۋاب: خالمۇرات غوپۇر، ئاندىن شىندانىڭ ھېلىقى تاشپولات تېيىپ، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ، ياق، مائارىپ نازارىتىنىڭ باشلىقى ساتتار ساۋۇت، ئاندىن يالقۇن روزى. . . .

بۇ خادىم يۇقىرىقى شەخسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا «ئۆزلىرىگە دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا ئۇرۇنغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

بۈگۈن يەنە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىشىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نەشرىياتى پارتكومىنىڭ يالقۇن روزى ھەققىدە چىقارغان بىر قارارنامىسىنىڭ كوپىيەسى قولىمىزغا چۈشتى. مەزكۇر قارارنامىدە، يالقۇن روزىنىڭ 2015-يىلى 2-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن دەم ئېلىشقا چىققانلىقى، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن، نەشرىيات پارتكومىنىڭ يالقۇن روزىغا بېرىلىدىغان پېنسىيە پۇلى قاتارلىق بارلىق تەمىناتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قارار بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئاساسى قاتلاملاردىكى ساقچى ئورگانلىرىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچى خادىمى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشلەردە ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان ساقچى فىلىمى(تەشۋىقات فىلىمى) نى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ فىلىمدىن كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن، مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىدا سابىق نازىر ساتتار ساۋۇت بىلەن ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.