پائالىيەتچىلەر ج خ نازارىتىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنى ئىلىشقۇ بىلەن تۇغقانچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشى «نەيرەڭۋازلىق» دېدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بۇ يىل 4‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 77 نەپەر ئالاھىدە ساقچى خادىمىنى يەكەننىڭ ئىلىشقۇ بازىرىغا قاراشلىق قاراباغ كەنتىگە ئەۋەتىپ، مەزكۇر كەنتتىكى 77 ئۇيغۇر ئائىلە بىلەن «قوشماق تۇغقانچىلىق» مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

دائىرىلەر 24‏-ئاپرېل قاراباغ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا «تۇغقان تېپىشىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قاراباغ يېزىسىدىكى 77 ئۇيغۇر ئائىلىنى يۇقىرىقى 77 نەپەر خىتاي ئالاھىدە ساقچىسىغا تونۇشتۇرغان.بۇنىڭغا ئوخشاش مۇراسىم بۇنىڭدىن 8 كۈن ئاۋۋال ئېلىشقۇنىڭ ئويباغ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئويباغدىكى مۇراسىمدا ج خ نازارىتىنىڭ 41 نەپەر ساقچىسى ئويباغ كەنتىنىڭ 41 ئۇيغۇر ئائىلىگە «تۇغقانچىلىق»قا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ج خ نازارىتىنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى «ئىلىشقۇ ۋەقەسى»نى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئامانلىق تەشكىلاتى. ئۇنىڭ 2014‏‏-ئىيۇل 28‏-ئىيۇل كۈنى يەنى رامىزاننىڭ 1‏-كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ 96 نەپەر، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بەزىلەر ئاز دېگەندە 2000 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، يەنە بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ 100 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

2016‏-يىلى 10‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو «قوشماق تۇغقانچىلىق»سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئىلىشقۇ بازىرى ج خ نازارىتىنىڭ «قوشماق تۇغقان» تېپىشتۇرۇشتىكى نىشانلىق يېزىسى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.

ئىلىشقۇ بازىرىدىكى بىر يەرلىك ئاھالە دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا ج خ نازارىتى ساقچىلىرىنىڭ 6‏-كەنتكە چۈشكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى نازۇك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىلىشقۇ بازىرىنىڭ يەنە بىر ئاھالىسى ج خ نازارىتى ساقچىلىرىنىڭ يەنە 12‏-كەنتكە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن بەزى سوئاللارنى شۇلارغا سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياق،ياق مېنىڭ تۇغقىنىم يوق. ج خ نازارىتى 12‏‏-دادۈيدە بار. 6‏-دادۈيدە بارلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن».

مۇخبىر :«2014-يىلى ‹‏28-ئىيۇل ۋەقەسى› بولغان بۇ كەنتلەردە. سىلى قانداق قارايدىلا بۇنىڭغا؟»

ئاھالە: «قوللايمىز، قوللايمىز. بىراق بۇ بىزگە مۇناسىۋەتسىز گەپلەر، بىزگە تەئەللۇق بولسا دەپ بەرسەك بولىدۇ. ئۇ ئىشلارنى بىز ئۇقمايدىكەنمىز. بىزنىڭ ئىدارىدە ج خ نازارىتى بىلەن تۇغقانچىلىق ئورناتقانلار يوق. مەندىمۇ تۇغقان يوق. بىز كادىر بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تۇغقانلىرى بار، شۇلار بىلەن بولىمىز».

مۇخبىر: «سىلى قانداق قارايلا بۇ ج خ نازارىتى بىلەن تۇغقان بولۇشقا؟»

ئاھالە: «ياخشى بولۇۋاتىدۇ تۇغقانچىلىق، دېگەن. بۇرناكۈن بىر تونۇش كەپتىكەن. ئۇ تۇغقان يوقلاپ كەپتىكەن، ياخشى نېمە قىلدى. ھەممە يىغىلىپ شۇلار بىلەن تاماقتا بىرگە بولۇۋاتىدۇ، خېلى ياخشى بولدى، دەپ ئىنكاس قىلدى».

مۇخبىر: «قايسى دائىرىلەردە بولۇۋاتىدۇ، بۇ تۇققانچىلىقلار؟ مەسىلەن، يىتىپ قوپۇش، 3 ۋاق تاماق، پائالىيەتلەردە بىللە بولۇۋاتامدۇ؟»

ئاھالە: «ئۇنداق ئىشلارنى بىز ئۇقمايدىكەنمىز. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىشلىمىگەندىن كېيىن، ئۇنى شۇ ج خ نازارىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىلا».

مۇخبىر : «2014-يىلى 28‹‏-ئىيۇل ۋەقەسى› بولغان ‏ئېلىشقۇغا ج خ نازارىتىنىڭ بۇ قېتىم بۇ يەرگە چۈشۈشى قانداق مەقسەتلەر بىلەن بولۇۋاتىدۇ؟

ئاھالە: «بىزنىڭ خىزمىتىمىز بۇ يەردە بولغاندىكىن ئۇ ئىشلارنى بىز تازا تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز».

بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىلىشقۇ بازىرى مەقسەتلىك ج خ نازارىتىنىڭ تۇغقان تېپىشتىكى نىشانلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. د ئۇ ق سابىق باش كاتىپى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاينىڭ ج خ نازارىتىنى ئېلىشقۇغا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى يەرلىك خەلقىنى كونترول قىلىش، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يۇمشاق، يوشۇرۇن ئېلىپ بارغان بىر خىل شەكىل، دەپ قارايمەن. 4 يىل بۇرۇن ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ بىر قىسمىنى قىرىۋەتتى بۇلار. خىتاي ھۆكۈمىتى ياركەنت خەلقىگە ياخشى ئوبراز قالدۇرمىدى. ئۇنى ئاقلاش ئۈچۈن ياخشىچاق بولۇپ خىزمەت قىلىپ، بەلكىم بەزى ئائىلىلەرگە ياردەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. يېزىنىڭ بەزى سۇ قۇرۇلۇش، مەكتەپ ۋە باشقا قۇرۇلۇشلىرىغا ياردەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى بۇ رايونلارنى تېخىمۇ قاتتىق مونوپول قىلىشتۇر. ساقچىلار ئۇ يەردە تۇغقان تېپىش ئەمەس،ئۇلار ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقى، ماڭغان، تۇرغانلىرىنى كۆزىتىدۇ. ئۇلار ئۆزى چۈشكەن ئۆي ئارقىلىق پۈتۈن بىر مەھەللىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ».

دائىرىلەر «قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ سىياسەتنى«شەكىلۋازلىق» دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن.

نۇرمەمەت مۇساباي، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ خىل «نەيرەڭۋازلىقلار» بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ مەسىلىگە بىر سىياسىي چارە تېپىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بولۇۋاتقان ئىشنى ھەل قىلىش مەسىلىسى ئۇ يەرگە ساقچىلارنى ئاپىرىپ، دوستلۇق قۇرۇپ، قوشماق تۇغقان بولۇپ ھەل قىلىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە سىياسىي مەسىلە. خەلقنىڭ بالىلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئانىلىرىغا تۇغقان بولايلى، دېسە ھەل بولمايدۇ. تۇغقانچىلىق بولۇپ ئۇ ئانىسىغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىقى قىلسىمۇ، ئىتتىپاقلىق بولمايدۇ. ئىتتىپاقلىقنىڭ بولۇش مەنبەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسەتنى ئادىل، لىللا قىلىشتۇر. ئۇ زورلاپ تاڭغان تۇغقانچىلىققا ئۇيغۇرلار ئامال يوق، ماقۇل، دەپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ تۇغقانچىلىق پۈتۈنلەي شەكىلۋازلىق. ھەقىقىي ھەل قىلىمەن، دېسە، ئۇيغۇرغا بولغان سىياسىتى ئادىل بولۇشى كېرەك. ئەڭ بولمىغاندا ئۇيغۇرلۇق كىملىكى بىلەن ياشاش ھوقۇقىنى بەرگەندە ئازراق دوستلۇقنىڭ سىمۋوللىرى پەيدا بولىدۇ».

ئىلىشقۇ بازىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ «قوشماق تۇغقان» تېپىشتۇرۇشتىكى نىشانلىق يېزىسى. 24-ئاپرېل قاراباغ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ ئۆز ئارا تېپىشىش مۇراسىمىدا، بايراق چىقىرىش، دۆلەت مارشى ئوقۇش، تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا قەسەم بېرىش، ئۆز ئارا سوغا تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.