ياقۇپ قارى: خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ نەم خىشىغا دەسسىمەڭلار

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.11.11
seudi-xitay-konsul-uyghur-305.jpg جىددەدىكى خىتاينىڭ باش كونسۇلى ۋاڭ سۆز قىلماقتا. ئىلياس تەرجىمىدە. سول تەرەپتىكىلەر ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، ئوڭ تەرەپتىكىلەر خىتاي مۇھاجىرلار. 2013-يىلى فېۋرال.
RFA/Qutluq Haji


بۇلتۇر مۇشۇ مەزگىللەردە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار رادىئومىزغا خەت يېزىپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار رەئىسى، دوكتۇرانت ياقۇپ قارىنىڭ سەئۇدىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى. شۇ چاغدا بىز ياقۇپ قارىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۆزىنى ئاقلىغان ئىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە ياقۇپ قارى رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئەينى چاغدا قىلغان سۆزى ۋە تۇتقان يولىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە مەزكۇر پىكرىگە تۈزىتىش بېرىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېقىنلاشماسلىققا دەۋەت قىلدى.

سوئال: ئاڭلىساق، ئۆتكەن ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى كېلىپ يوقلاپتۇ، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟

جاۋاب: بولدى، شۇنداق، جۈمە كۈنى كەچتە كېلىپ كۆرۈشۈپتۇ.

سوئال: قانچىلىك ئوقۇغۇچى قاتنىشىپتۇ؟

جاۋاب 16 - 15 چە ئوقۇغۇچى قاتنىشىپتۇ.

سوئال: مەكتىپىڭلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى قانچە؟

جاۋاب 100 ئەتراپىدا بار.

سوئال: ئاڭلىساق، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقان، ئەلچىخانا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلار بار ئىكەن. سىز بىر سابىق ئوقۇغۇچىلار رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مۇناسىۋەتكە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مۇھىمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەقۋا ئادەمگىلا ئارىلاشقىن، نېمىتىڭنىمۇ تەقۋالار يېسۇن» دېگەن، دىنغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان، بىزنى مىللەت بويىچە دۈشمەن كۆرۈپ يەر يۈزىدىن يوقىتىۋېتىمەن دەۋاتقانلار بىلەن ھەمداستىخان بولۇش زۆرۈرىيەتسىز.

سوئال: چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا خىتاي پاسپورتى بار، ئۇلار ھېچ بولمىدى دېگەندە پاسپورتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن بولسىمۇ كونسۇلخانىغا بېرىشقا مەجبۇر، يۇقىرىقى گېپىڭىزدىن قارىغاندا پاسپورتنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئەلچىخانىغا بارسا، بۇنىڭ خاتا يېرى يوق؟

جاۋاب: شۇنداق. ئەمما شۇ ئىشنى پۈتتۈرگۈچە ئالدىنىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.

سوئال: ئەمما خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت بايرىمى ۋە يېڭى يىل زىياپەتلىرىگە، بەزىدە زىيارەت ئۆمەكلىرىنىڭ زىياپەتلىرىگە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ بار، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتتى، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى پاسپورتنى ئۇزارتىشنى كەينىگە سوزىدۇ، ئەلچىخانىمىزغا كېلىپ باشلىقلىرىمىزغا ئەھۋالىڭنى ئېيت، پاسپورتۇڭنى ئۇزارتىپ بېرىدۇ، دەيدۇ؛ لېكىن مەقسىتى ئەلچىخانىغا ئاپىرىۋېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بىر سورۇندا تۇرغۇزۇۋېلىش، ئۇلار بۇنى بىر ھۆججەت قىلىپ تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ.

شۇڭا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ياق ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس، ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقى بىلەن ياشىماقچى بولغان ئادەم خىتاي كونسۇلخانىسىدىن، زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك.

سوئال: سىزنى ئۆتكەن يىلى زىيارەت قىلغان چېغىمىزدا، «ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرساق، ئۆز - ئارا چۈشىنىشىمىز ئىلگىرى باسىدۇ، بىزنى خاتا چۈشىنىپ قالمايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشىمىزغا يول ئېچىلىدۇ» دېگەن ئىدىڭىز، بۈگۈن دېگەنلىرىڭىز پۈتۈنلەي پەرقلىق، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: شۇنداق، شۇ كۈنى رادىئونى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ گېپىدىن ئۆزۈممۇ بىئارام بولدۇم، بەكلا يۇمشاق گەپلەرنى قىلغىنىمغا. ئۇ كۈنى ئۇنداق دېيىشىم، مەكتەپتە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا ئىلتىماس سۇنغان ئىدىم، پاسپورتۇمنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتكەن ئىدى، ئەلچىخانىدىكىلەرگە پاسپورتۇمنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئىدىم. رادىئودا گېپىم قاتتىق چىقىپ كەتسە، ئەلچىخانىدىكىلەر «بىز سېنىڭ ئىشىڭنى پۈتتۈرۈپ بېرىۋاتساق، سەن بىزگە قارشى گەپ قىلدىڭ» دەپ پاسپورتۇمنى رەت قىلىۋەتمىسۇن دېدىم. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار رەئىسى ئىدىم، 100 دەك ئوقۇغۇچىمىز ۋەتەنگە بارغاندا باشلىقىڭ بىزگە قارشىكەن دەپ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىك بولمىسۇن دېدىم، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇشۇم شەخسىي ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، مىللىتىم، خەلقىم ئۈچۈن بولغاندىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما نېمىلا قىلاي پاسپورتۇمنى ئۇزارتىپ بەرمىدى، ئەلچىخانىغا بېرىپمۇ باقتىم، تېلېفونمۇ قىلىپ باقتىم، يالۋۇرۇپ - يېلىنىپ باقتىم، تاشتىن سۇ چىقمىدى. ئاخىرى پاسپورتنى تاپشۇرۇپ بېرىۋەتتىم ۋە تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس سۇندۇم، ئىلتىماسىم تەستىقلاندى. مەن ھازىر تۈركىيە ۋەتەندىشى، ئەمما، مەن ئۇيغۇر، ۋەتىنىم، مىللىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارمەن.

سوئال: ئەينى چاغدىكى سۆزلىرىڭىز رادىئودا دېيىلگىنى ئۈچۈن، ئۇ سۆزلەر سەئۇدى ۋە مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟

جاۋاب: مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن.

سوئال: ئۇنداقتا بۈگۈنكى گەپلىرىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارنى ئىبارەت ئېلىشقا چاقىرىش دېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ. تەجرىبەم شۇ: خىتاي ئەلچىخانىسى ۋەدە بېرىپ، ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.