شى جىنپىڭنىڭ «ئېچىلىپ سايراش» چاقىرىقى خىتاي جەمئىيىتىدە گۇمان قوزغىدى

شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كەسكىن تەنقىدلەرگە كەڭ قورساق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە ئوخشىمىغان پارتىيە، گۇرۇھلارنى، كومپارتىيە ھەققىدە راست گەپ قىلىشقا، قۇلاققا ياقمايدىغان گەپلەرنى قىلىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتماسلىققا چاقىرغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.02.07
shi-jinping-li-kechyang.jpg خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك دائىمىي ئەزالىرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە لى كەچياڭلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2012-يىلى 15-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

ئۇ يەنە مەسىلىلەر ھەققىدە بىلگىنىنى دېمەي قويماسلىق، دېگەندىمۇ ھەممىنى دېيىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى تۈنۈگۈندىن بېرى خىتاي جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىنكاسلاردا، شى جىنپىڭنىڭ بۇ چاقىرىقى ماۋ زېدۇڭنىڭ 1956-يىلدىكى ئېچىلىپ سايراش چاقىرىقىغا ئوخشىتىلىپ، بۇ چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيلىشىش كۈچى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئاتالمىش دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پارتىيىسىز زاتلار بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، كومپارتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دېموكراتىك نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە كومپارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنى كومپارتىيىنىڭ، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە مەسىلىلەر ھەل قىلىش ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

ئۇ بۇ نۇقتىدا پىكرىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىنى كەسكىن تەنقىدلەرگە قارىتا كەڭ قورساق بولۇشقا، تەنقىدتە دېيىلگەن مەسىلە راستىنىلا مەۋجۇت بولسا تۈزىتىشكە، بولمىسا ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە يەنە پارتىيە سىرتىدىكىلەرگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى مەسىلىلەر ئۈستىدە راست گەپ قىلىشقا، بىلگىنىنى دېمەي قويماسلىققا، دېگەن چاغدىمۇ تولۇق دېيىشكە دەۋەت قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىرقانچە سائەتنىڭ ئىچىدە 10مىڭدىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىلغان؛ ئىنكاسلاردا، ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ پىكرىدە سەمىمىي بولسا، ئاخبارات چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى ۋە كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىگە يول قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. جۇڭگو ياشلار نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى پېڭ مىڭباڭ ئوچۇق ئىسمى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇنداقتا، ئەركىن ئاخباراتقا يول قويۇلسۇن،، ئىجراسىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن. يەنە بەزى ئىنكاسچىلار بولسا، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ پەقەت بايراملىق سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تۈزۈلمىدە تامامەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بەزى ئىنكاسچىلار، شى جىنپىڭنى شوئارۋازلىق ۋە رەڭۋازلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە مەسخىرە قىلغان.

دېيىلگەندەك بىر قانچە سائەتتىن كېيىن، شىنخۇانىڭ تورىغا يېزىلغان يۇقىرىقىدەك ئىنكاسلار تامامەن ئۆچۈرۈلۈشكە باشلىغان. ھەتتا شى جىنپىنىڭ شەخسىي بلوگىدىنمۇ يۇقىرىقى تېمىدىكى تەنقىدلەر ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىنى، ماۋ زېدۇڭ 1956-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئېچىلىپ-سايراش چاقىرىقىغا ئوخشاتقان. ماۋ زېدۇڭ شۇ قېتىم «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەم قۇشلار بەس-بەستە سايراش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى پاش قىلىشقا ئۈندىگەن. ماۋ زېدۇڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغاپ، بىر يىل بۇرۇنقى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئېچىلىپ سايرىغانلارنى قاتتىق ۋە ئومۇميۈزلۈك جازالىغان. ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شۇ چاغدا خىتايدا ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش دولقۇنىدا، جەمئىي 550 مىڭدىن كۆپرەك كىشى جازالىنىپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى تۈرمىلەرگە تاشلانغان، بىر قىسمى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان.

تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى يىللاردا ئېچىلىپ سايراش دولقۇنى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئېچىلىپ سايرىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىر يىلدىن كېيىن ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ جازالانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزگەن سابىق شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى سابىت ئابدۇراخماننىڭ بىر ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئېچىلىپ سايراش مەزگىلىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ سوتسىيالىزم قۇرالايدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت باشقۇرالايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئابدۇرېھىم ئەيسا مەزكۇر سۆزلىرى سەۋەبلىك 1957-يىلى يەرلىك مىللەتچى بولۇپ جازالانغان.

يۇقىرىقىدەك تارىخىي پاكىتلارنى ۋە نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان خىتاي ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ «بىلگىنىنى ئايىماي دېيىش ۋە ھەممىنى دېيىش» تەشەببۇسىغا گۇمان بىلەن قاراشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.