شى جىنپىڭنىڭ «قوش چارە» ئارقىلىق چىرىكلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى قانۇنسىزلىق، دەپ تەنقىدلەندى
2016.12.06
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن بېرى «چىرىكلىككە قارشى كۈرەش» نى باشلاپ، چوڭ-كىچىك نۇرغۇن ئەمەلدارنى جازالىدى. بۇنى ئىجرا قىلىشتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن ئورۇندا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش» دەيدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە جازالاش چارىسى قوللىنىلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ سىستېمىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن خىتايچە «شۇاڭگۈي» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سىستېما ھەققىدە ئەتراپلىق بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنى بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
بۈگۈن، ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «ئالاھىدە چارە-خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قوش چارە سىستېمىسىدىكى تۇتقۇن ۋە تەن جازاسى» ماۋزۇلۇق بىر دوكلات ئېلان قىلدى. 127 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلاتتا خىتايچە «شۇاڭگۈي» دەپ ئاتىلىدىغان «قوش چارە» سىستېمىسى ئانالىز قىلىنغان. قوش چارە 1990 -يىللاردا خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزى پارتىيە ئىنتىزامىنى، پارتىيە ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر خىل چارە بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «بەلگىلەنگەن ئورۇن ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەسىلىنى تاپشۇرۇش» ياكى «تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش» دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن. «قوش چارە» مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «قوش چارە» نىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي ۋە نامەلۇم بىر ئورۇندا، مۇددەتسىز تۇتۇپ تۈرۈلۈشنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان قانۇنسىز ۋە زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ھەرىكەتلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش چىرىكلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى زوراۋان ۋە قانۇنسىز بىر سىستېما ئىچىدە ئېلىپ بارماقتا. گۇماندارلارنى قىيناش ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇش چىرىكلىكنى ئاياقلاشتۇرمايدۇ. بىراق ئۇ خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا بولغان ئىشەنچنى يوقىتىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى قوش چارە ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى ھەرقانداق قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «قوش چارە» خىتاي كومپارتىيىسىگە كومپارتىيە ئەزالىرىنى خالىغان ۋاقىتتا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، كۈنلەرچە، ھەپتىلەرچە ۋە ھەتتا ئايلارچە تۇتۇپ تۇرىدىغان ھوقۇق بېرىدىغان بولۇپ، بۇ قاچان شۇ ئەمەلدار ئۆزىنىڭ پارىخورلۇقىغا ئائىت ئاتالمىش جىنايىتىنى ۋە ياكى باشقا ئاتالمىش ئىنتىزامسىزلىقلىرىنى قوبۇل قىلغۇچە داۋاملىشىدىكەن. جىنايەتلىرى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن بولسا تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن. تەپتىش ئورگانلىرىمۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەمىنلىگەن ماتېرىياللار ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمايدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا «قوش چارە» نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان 20 دىن ئوشۇق كومپارتىيە ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نەزەربەند جەريانىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش بىلەن باشلانغانلىقىنى، ئايلارچە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى، ئادۋوكات ياللىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىلەر مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يەنى مەخسۇس ھالدا ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدىغان تام بىلەن دېرىزىسىز قىلىپ ياسالغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا كىشىنىڭ قېچىپ كېتىشى ۋە ياكى ئۆلۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەر بىلەن مەخسۇس ياسالغان ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلار ئۇيقۇسىز قالدۇرۇلۇش، ئاچ قالدۇرۇلۇش ۋە ياكى باشقا خىل پسىخىك بېسىم پەيدا قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قېيىن-قىستاققا ئېلىنىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن نەزەربەندكە ئېلىنغان كىشىلەر پەقەتلا كومپارتىيە ئەزالىرى، ئەمەلدارلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. يەنى خىتايدا بانكىرلارنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېت باشلىقلىرى ۋە ياكى تېلېۋىزىيە چولپانلىرىنىڭمۇ مۇشۇ سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولۇپ، پەقەت 2015 -يىلى ئىچىدىلا پارتىيە ئىچىدە چارە كۆرۈلگەنلەر سانى 336 مىڭ نەپەردىن ئاشىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىرىنىڭ سانى 14 مىڭ نەپەر ئىكەن. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە زورايغانلىقىنى، ۋەھىمىسىنىڭمۇ ئارتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «چىرىكلىككە قارشى كۈرىشى» جەريانىدا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارا بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ سوتلىرىنىڭمۇ يوشۇرۇن ياكى يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى، بۇنىڭغا ئائىت سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىي بولۇشىدەك ئەھۋاللار بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەقىقەتەن پارىخورلۇقنى نىشان قىلغانلىقى ياكى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرىنى نىشان قىلغانلىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا مانا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، «خىتايدىكى چىرىكلىك ھەقىقەتەن جىددىي بىر مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بۇ خىل قوش چارە ئۇسۇلى ئارقىلىق يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس، چىرىكلىك بىلەن ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىش مۇستەقىل ئەدلىيىنى، ئەركىن ئاخباراتنى ۋە گۇماندارلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.
سوفى رىچاردسون خانىم بولسا باياناتىدا ئەسكەرتىپ «قوش چارە سىستېمىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتچە چىرىكلىكنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ سىستېما مەۋجۇت بولغان ھەر كۈنى ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن بىر تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماي، شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ ماھىيىتىدىكى زوراۋانلىقنى بىزگە ئەسلىتىپ ماڭىدۇ» دېگەن.