د ئۇ ق ئامېرىكىنى شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خۇسۇسەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

د ئۇ ق باياناتىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013‏-يىلى ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. دىققەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە مەزكەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قانچە كىشىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن مىليونلىغان خەلق كوللېكتىپ جازالانغان. تەڭسىزلىك رايوندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىدىكى نارازىلىقنى كۈچەيتكەن.

د ئۇ ق باياناتىدا، ئەمما، شى جىنپىڭنىڭ ئازراق بولسىمۇ نارازىلىقنى يۇمشىتىش، نارازىلىقنى ئېتىراپ قىلىش نىيىتى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق سىگنال يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، «شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىزتىراپ چېكىۋاتقان باشقا خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سېلىشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، «بۇ قېتىمقى يىغىن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم پۇرسەت» دەپ كۆرسەتتى.

نۇرمەمەت مۇساباي: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەر دائىم ئۇچرىشىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن مۇشۇنداق مۇھىم خەلقئارا يىغىنلاردا ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەمدە خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمىز. ئەمما بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇش-قويماسلىقى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە باغلىق. ئەمما مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بۇ يالغۇز ئۇيغۇر، تىبەت ياكى خىتايغىلا ئەمەس، بۇ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ئىش، دەپ قارايمىز ۋە بۇنى زور ئۈمىد بىلەن كۈتىمىز» دېدى.

شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلسە، ئۇ پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ساھىپخانلىقىدىكى دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون يىغىنىدا، ئوبامانىڭ پەيشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاقساراينىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيە يادرو قوراللار تەھدىتى ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر قاتار مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىنى سۆزلىشىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى چەتئەل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋېي جىنشىڭ يادرو بىخەتەرلىك سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ، تەھدىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ئەڭ زور يادرو تەھدىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلمايدىغان دۆلەتلەر پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ۋېي جىڭشىڭ: «يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەر بىر-ئىككى ئەمەس. ئەمما نېمە ئۈچۈن شىمالىي كورېيە بىلەن خىتاي تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بولۇپمۇ شىمالىي كورېيە پۈتۈنلەي قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغان دۆلەت. قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ تۈپ نۇقسىنى ئۇلار كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان تۇرسا، خەلقئارا قائىدىگە ھۆرمەت قىلامدۇ؟ شۇڭا، ھەقىقىي تەھدىت خەلقئارا قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغان ئۇ دۆلەتلەر» دەيدۇ.

ۋېي جىڭشىڭ يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى نورمال تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشتىن ھالقىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ ماڭغان.

ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىچىدىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك بىر مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاممىسىنى قىرغىن قىلدى. ئۇ نورمال تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش، ئادەتتىكى ئۆكتىچى زاتلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەس. ئۇ مىللىي قىرغىنچىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا كىردى.

شۇڭا، كۈچلۈك خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئوباما بۇ قېتىمقى يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى گەۋدىلىك مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. بولمىسا بۇنداق ئېغىر مەسىلىسىنى نېمىشقا ئوتتۇرىغا قويمىدىڭ، دەپ ھېچكىمنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولمايدۇ.»

شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىش ھارپىسىدا يەنە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو پرېزىدېنت ئوباماغا مەكتۇپ يېزىپ، ئوبامانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە شى جىنپىڭغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىگەن.

سىمىس بىلەن رۇبىئو، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو قاتارلىق مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئوبامانىڭ شى جىنپىڭغا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

كرىستوفىر سىمىس سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئەگەر بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلسا، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك خاتالىق بولىدۇ، دېگەن ئىدى.

نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاينىڭ سىياسىتى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ چەتئەلگە قېچىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى خەلقئارا مۇقىملىققا تەسىر قىلىۋاتقنا بىر مەسىلە بولۇپ قالدى» دەيدۇ.

نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە قالايمىقانلىقى بىلەن چېتىشلىقى بار. ئەگەر ئۇيغۇر يامان كۈندە قالسا، ئۇنىڭ بىر قسمى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق يەرگە بارىدۇ، بەزىدە يامان ئورگان ۋە تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، خاتا سەپلەردىن ئورۇن ئېلىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەسىر قىلىدۇ. ھازىر دۇنيا بىر پۈتۈنلىشىپ كەتتى.

دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۈز بەرگەن بىر ئىش باشقا جايغا تەسىر قىلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تەسىىر قىلمىدى. ئەگەر بۇ ئىش داۋاملىق مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ھامان بىر كۈنى ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر قىلىدۇ.»

د ئۇ ق سەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا يەنە، خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق دىئالوگنىڭ شەكلى بىلەن مەزمۇنى ئىزچىل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «بىز ئامېرىكىنى ئۇنىڭ بىردەك ئاشكارا ئېلان قىلغان پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشقا، خىتاي رەھبەرلىكى بىلەن مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە سۆھبەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.