خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر

0:00 / 0:00

2-نويابىر كۈنى س.ن.ن. نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئالاھىدە تەستىق بىلەن تيەنجىندىكى «چۇڭخۇا» ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان.

بۇ، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇلۇشى ئىكەن.

«چۇڭخۇا» ئوتتۇرا مەكتىپى ئالدىنئالا تەييارلىق بويىچە «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇراھمان مەمەتنى س.ن.ن. مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما مەكتەپ دائىرىلىرى پۈتكۈل زىيارەت جەريانىنى كۆزىتىپ تۇرغان.

زىيارەت جەريانىدا مەكتەپ مۇدىرى لى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇلارغا ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسى بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى دۆلەتنى سۆيىدىغان كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرىمىز.»

ئاۋسترالىيە لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمېس لايبولدت بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «شىنجاڭ سىنىپىنىڭ سىياسىي نىشانى ئەمەلىيەتتە ‹جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەرلىكى› گە ئىگە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشتۇر. ئۇلار كەلگۈسىدە شىنجاڭغا قايتۇرۇلۇپ، كومپارتىيە ۋە ئۇ باشقۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا پىلانلانغان. ۋەھالەنكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتە سوققان چوتىنىڭ ئۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. ھېس قىلىشىمىزچە، مەزكۇر پروگراممىغا جەلپ قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭگولۇق كىملىكىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ كۈچىيىپ بارغانلىقى مەلۇم بولماقتا.»

بىز خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرستىتېتنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە 250 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى بىر يىلدا خەنزۇ تىلى بويىچە تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئايرىم سىنىپلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇغانلار تاللىنىپ، خەنزۇ سىنىپلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ. ‹شىنجاڭ سىنىپى› دىكىلەرنىڭ دەرسلىك پروگراممىلىرى خەنزۇ سىنىپلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئالاھىدە پروگرامما بويىچە ئوقۇيدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدۇ. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ سىرتلارغا رۇخسەتسىز چىقالمايدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتىدىغانلىرى ساناقلىق. كۆپ قىسمى ئىلگىرى ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار يېرىم يولدىلا بېسىم تۈپەيلى قارشىلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىپ، مەكتەپتىن چېكىنىپ كېتىدىغانلىرىمۇ بار. ئىشقىلىپ، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ تاللىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئېرىشكەنلىرىدىن بەلكى يوقاتقانلىرى كۆپ بولىدۇ…»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.