مەلۇم بولۇشىچە، تيەنئەنمېن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسى يەنى ئاقتۇنىڭ ئۈجمە يېزا يېڭىئايماق كەنتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇرۇنلا «سىياسىي كەيپىياتى ناچار مەھەللە» دەپ قارىلىپ كەلگەن.
بۇ سەۋەبتىن ناھىيەدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا يېڭىئايماق كەنتىنىڭ سېكرېتارى 150 كىشىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ تەنقىدلەنگەن. يىغىندا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جى فامىلىلىك خىتاي، يېڭىئايماق كەنت سېكرېتارى نى «قوشراپ ۋەقەسىدىمۇ سېنىڭ ئادىمىڭ چىقسا، 5-ئىيۇلدىمۇ سېنىڭ ئادىمىڭ چىقسا، ئىزبۇت (ھىزبۇ-تەھرىر) دىنمۇ سېنىڭ ئادىمىڭ چىقسا، سەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم» دەپ تەنقىد قىلغان ۋە يېڭىئايماق مەھەللىسىنى «سىياسىي بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ ئۈگىسى» دەپ ئاتىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، بۇ ئۈگىدىكى ئاتالمىش «سىياسىي بۇزۇق ئۇنسۇرلار» ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.