دائىرىلەر پوسكامدا سىياسىي مەكتەپ قۇرۇپ دىنىي زاتلارنى جىددىي تەربىيىلەشكە كىرىشكەن

0:00 / 0:00

ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسى دىنىي ئەسەبىيلىكى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەت ۋە دىن خىزمىتى كادىرلىرى، دىنىي زاتلارنى قەرەللىك ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرى بىلەن تەربىيىلەشنى سېستىملاشتۇرۇش ئۈچۈن «ناھىيەلىك سىياسىي مەكتەپ» قۇرۇپ چىققان.

بۇ مەكتەپكە 6 مىليون سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، يېقىندا يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۇرۇلگەن بۇ سىياسىي مەكتەپتە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل كادىر ۋە زاتلار كېچە-كۈندۈز جىددىي تەربىيىلەشكە قاتناشماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان «دېھقانلا» تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسىدىكى خىتاي پارتىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۈتۈن ناھىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن «مىللەت ۋە دىن خىزمىتى كادىرلىرى، دىنىي زاتلارنى سىياسىي جەھەتتە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان باشلامچىلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرىدىغان باشلامچىلاردىن قىلىپ تەربىيىلەشكە كىرىشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ سىياسي مەكتەپ 3-ئاينىڭ باشلىرىغىچە 6 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئىچىپ، 400 ئادەم(قېتىم)دىن ئارتۇق كادىر ۋە دىنىي زاتلارنى تەربىيەلىگەن.

بىز پوسكام ناھىيەسىدە بۇنداق بىر سىياسي مەكتەپنى سېلىشقا تېپىلغان زۆرۈرىيەت ۋە ئۇنىڭ يۆرۈشۈش ئەھۋاللىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپ بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

بىز تېلىفون قىلغان ۋاقىت شۇ جاي ۋاقتى 8-مارت سائەت كەچ ئوندىن ئاشقان ۋاقىت بولسىمۇ، ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىم كېچىلىك كۇرسىنىڭ بىر ئازدىن كېيىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن تېلىفون قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭقىرغاندىن كېيىن سوئالىمىزنى جاۋابسىز قويدى.

پوسكام ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئايال كادىرى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسي مەكتەپتىكى تەربىيىلەشنىڭ ئاساسەن دىنىي ئەسەبيلىكنى تۈگىتىش ھەققىدىكى سىياسەت، قانۇنلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پوسكام ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال گەرچە دائىرىلەر دىن ۋە مىللىي ئىشلارغا مەسئۇل كادىرلارنى قەرەللىك تەربىيىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈشكە ياكى خىزمەت ئۇنۇمىنى ئۆستۈرۈپ خەلققە ياردەم بېرىشكە پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى، ئاتالمىش كادىرلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ھېجاب ئاتقانغا ئوخشاش ئىشلارنى كۆزەت قىلىپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا چاققاندىن باشقا، خەلقنىڭ غېمىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلغان 2015-يىلى «ئۈچ ئەل خىزمىتى» نى خۇلاسىلاش ۋە مۇكاپاتلاش يىغىنىدا سۆز قىلغان جاڭ چۈنشەن قىسمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولماسلىق مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلەپ، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سېپىدىكى مىللەت، دىن خىزمىتى كادىرلىرى ۋە دىنىي زاتلارنى مەركەزلىك تەربىيەلەش، دىنىي ساھە زاتلىرىنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەربىيەلەش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.