غۇلجا ناھىيىسىدىكى ساۋاتسىز كىشىلەرگە چەت تىل ئۆگىتىش ھادىسىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

غۇلجا ناھىيىلىك «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، بۇ مەركەزدە تەربىيەلىنىۋاتقان 1500 چە كىشىدىن تەخمىنەن 20% چە كىشىنىڭ ساۋاتسىز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرچە يېزىق ساۋاتى بولمىغان بۇ كىشىلەرگە چەت تىل يەنى خىتاي تىل، يېزىقى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ساۋاتسىز بىر كىشىگە چەت تىل ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھادىسە ھەققىدە تەسىرات بايان قىلغان بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزكۇر تەربىيەلەش ئورنىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىسى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى.

بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى بولسا، مەزكۇر ھادىسىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان دەپ ئىزاھلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاخباراتلىرىدا، ئۇيغۇر رايونىدا ساۋاتسىزلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۈگىگەنلىكىنى كۆپ قېتىملاپ تەشۋىق قىلغان ئىدى. مەسىلەن، 2004-يىلى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بىر خەۋىرىدە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا يېزىلاردا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ 99.5% دىن ئاشقانلىقى يېزىلغان ئىدى. ئەمما غۇلجا ناھىيەسىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ تەركىبى، جۈملىدىن مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرىقى تەشۋىقاتنىڭ يالغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى، كۇرسانتلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلار نىسبىتىگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ 15 نەپەر ئوقۇغۇچىسىدىن 3 نەپىرىنىڭ ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، تەربىيىلەش مەركىزىدىكى 1500 چە ئوقۇغۇچىدىن ئاز دېگەندە 20% نىڭ ساۋاتسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىدى.

ساۋاتسىز كىشىلەرگە چەت تىلى ئۆگىتىشتەك بۇ ھادىسە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى چارچىتىپلا قالماستىن، ئۇلارنى بۇ مەركەزنىڭ مەقسىتى ھەققىدىمۇ ئويلاندۇرغان، ھەتتا بەزىلەرنى گاڭگىراتقان.

مەزكۇر مەكتەپنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى، ئاكتىپ پارتىيە ئەزاسى بولغان بىر خانىم، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭمۇ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشىنىڭ بىر مۇقىملىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى، بۇنىڭمۇ بىر تۈرلۈك ئىسكەنجە يەنى قىيىن-قىستاق تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز يەنە ئاتالمىش كۇرسانتلار ئىچىدىكى ساۋاتسىز كىشىلەردىن بىرنى زىيارەت قىلدۇق؛ ئۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىگە ئېغىر كېلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى؛ ئۇ يەنە دۆلەت شېئىرىنى تېخىچە يادلاپ بولالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىرلەشكەن تەشكىلاتى 1966-يىلى 8-ئاۋغۇست كۈنىنى ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ساۋاتسىزلىق ۋەزىيىتىنى تېزدىن تۈگىتىشكە دەۋەت قىلغان. پەرھات مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋە خەلقئاراغا يالغان دوكلات بەرگەندىن باشقا، ساۋاتسىز كىشىلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئۆگىنىش تەلەپلەرنى قويۇش ئارقىلىق، يالغۇز ساۋاتسىز كىشىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋەھىمىلىك كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن.

غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر مەركەزدىكى ساۋاتسىز «كۇرسانت» لار، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مىللىي ۋە ئۆرپ-ئادەتلەردە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەبىيلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت گۇمانى بىلەن يىغىۋېلىنغان.