دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى سۈپىتىدە ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنى ياسايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تور بەتلىرىدە، جۈملىدىن خىتاي تىلىدىكى تور بەتلەردە خىتايدىن كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى سۇنغان ۋە ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن كىشىلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئاگاھلاندۇرۇلماقتا.
بۇ ھەقتىكى تارتىشمىلاردا، خىتاي قاتارلىق دىكتاتور ئەللەردىن كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى سۇنغان ۋە ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىنى ئالغان كىشىلەر ناۋادا خىتايغا قايتسا، ئۇلارنىڭ چېگرادىن قايتا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى ياكى يېشىل كارتىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى، ھەتتا كەلگۈسىدىكى ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنماقتا.
ئۇنداقتا، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىغا ئېرىشكەن ياكى ئامېرىكا پاسپورتىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن رۇقىيە تۇردۇش خانىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇلار غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردىن سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى تەلەپ قىلىشتىكى كونكرېت شەرتلەر، ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ سىياسىي پاناھلانغۇچىلار توغرىلىق چىقارغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى شۇنداقلا بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغاندا كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.
(داۋامى بار)