پائالىيەتچىلەر: «تاشپولات تېيىپنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بىر چوڭ سىگنال!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.22
tashpolat-teyip-yighinda-soz.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپن يىغىندا سۆزدە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىزمەتتىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتىن مەخسۇس تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك غۇلغۇلا قوزغالدى.

پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى بىر قوللۇق تەربىيەلىگەن ۋە ئۆستۈرگەن مۇشۇنداق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرنىڭمۇ سىياسىي بوران-چاپقۇندىن ئامان قالمىغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق تەبىئىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى، شۇنىڭدەك ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ ئۆتكەن يىلى خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى بىر قىزىق غۇلغۇلا تېمىسى بولغانلىقى مەلۇم.
ئەمما، تاشپولات تېيىپقا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر «تەكشۈرۈش» نىڭ سالماق ۋە خاراكتېر جەھەتتىكى پەۋقۇلئاددىلىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىش جەريانىدا ۋاسىتىلىك يوسۇندا ئەكس ئەتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئورگانلار ۋە مەكتەپ ساقچىخانىسى، ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى» دىكىلەرمۇ «تاشپولات تېيىپنىڭ قولغا ئېلىنىشى قاچانقى ۋەقە؟» دېگەن سوئالغا بىردەك «بىز بۇنى بىلمەيمىز» ياكى «بىز بۇ گەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر رادىيومىزدا بېرىلىپ سابىق مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ئىسمى مەكتەپ تور بېتىدىكى «ئىلگىرى مەكتەپ مۇدىرى بولغانلار ئىسىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى، ئەمما سېسىق نامى پۇر كەتكەن «جاللات» شېڭ شىسەينىڭ 1930-يىللىرى ئارانلا ئىككى يىل قوشۇمچە مەكتەپ مۇدىرى بولغىنىغا قارىماي ھېلىھەم بۇ ئىسىملىكتە بارلىقى، مۇشۇ خىلدىكى ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ھادىسىسىنىڭ خىتايدا ھەرقاچان ئېغىر «سىياسىي» مەسىلىلەرگە چېتىلىپ قالغان شەخسلەردە كۆرۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

ھالبۇكى، رادىيومىزنىڭ خەۋىرى ئاڭلىتىلىپ، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە تاشپولات تېيىپنىڭ ئىسمى «تۇيۇقسىز» بۇ ئىسىملىككە قايتىپ كىرگەن ھەمدە 2010-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

تاشپولات تېيىپ دۇچ كەلگەن قىسمەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھازىرغىچە «قەتئىي مەخپىي» شەكىلدە ئاشكارىلانغىنى يوق. لېكىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك تەشۋىشكە سېلىۋاتقىنى بۇنىڭ تەپسىلاتى ئەمەس، بەلكى تاشپولات تېيىپتەك خىتاي ھۆكۈمىتى «بىزگە سادىق» دەپ ئىشەنگەن بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرى بۇ قەدەر قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان يەردە، مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنى قانداق بىر قاباھەتنىڭ كۈتۈۋاتقىنىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويۇش نامايىشىنى تەشكىللىگەنلىكى ۋە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنغان سابىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا ئۇچرىغان زىيانكەشلىككە ئوخشاپ كېتىدىغان قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۇ، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئەمەلدارلار قاتلىمى» دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۆزلىرى «سىزغان سىزىق» تىن كىچىككىنە قىڭغىر كەتكەن ھەرقانداق ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر «دۈشمەن» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس 1990-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ئەسلىگەچ تاشپولات تېيىپ ئۇچرىغان «كېلىشمەسلىك» نىڭ قانداقتۇر تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان ئۆزلىرى ئۈچۈن «تەھدىت» دەپ قارالغانلىقى ئۇيغۇرنى يوقىتىشنى ئىزچىل داۋام ئەتتۈرۈپ كەلگەن. نۆۋەتتىكى زور كۆلەملىك قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنىمۇ ئەنە شۇ خاھىشنىڭ رېئاللىقتىكى ئىنكاسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن تاشپولات تېيىپنىڭ قىسمىتى ھەققىدە توختالغاندا بۇنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىسىغا، بولۇپمۇ «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا بىرلىكتە ياشىيالايدۇ» دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق بىر سىگنال بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىلىپ چىققان، شۇنداقلا ئەلنىڭ «كۆزى» بولۇۋاتقان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى يوق قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللەپ بېرىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن بۇ جەھەتتە ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھوقۇق سىستېمىسى ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ «ئەمەل تەختى» دە ئىشەنچلىك ئولتۇرالمايدىغانلىقىدۇر.

ئۇ بۇ ھەقتە تارىختا ئۆتكەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر شەخسلىرىنىڭ ئالاقىدار كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بۇ ھالنىڭ ھازىرمۇ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاش يوسۇندا داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇر «ھوقۇقدارلار» دىن كۆپلىرى «ئىككى يۈزلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ موللاق ئېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھالنىڭ بارغانسېرى كەڭ مىقياستا داۋام ئېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.