تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى رەھبىرى توكيودا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

9-يانۋاردىن 11-يانۋارغىچە توكيودا زىيارەتتە بولغان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى لوبساڭ سانگاي ئۇيغۇر، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لوبساڭ سانگاي باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى توكيودا زىيارەت بولغاندا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ دېيىشىچە، 9-يانۋار تىبەت سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى لوبساڭ سانگاي توكيودا ئاۋام خەلققە بەرگەن دوكلاتىدا تىبەتتىكى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا توختالغاندا: «ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تىبەتلەردىنمۇ بەكرەك ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى رەھبىرى لوبساڭ ساڭاي سۆزىدە تىبەتتىكى تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تىزدىن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

لوبساڭ سانگاي دوكلاتىدا تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىدىكى ئورنى ھەققىدىمۇ توختالغان.

ياپونىيەدىكى موڭغۇل تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دايچىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيودىكى بۇ دوكلاتتا لوبساڭ سانگاي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇللارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ئەھۋالىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ ئۇ، سۆزىدە بىپايان كەتكەن يايلاقلاردىكى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرىدىن ئايرىلىپ، كۈندىن-كۈنگە كەمبەغەللىشىپ، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆز جېنىنىمۇ باقالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى لوبساڭ سانگاي دوكلات بېرىش پائالىيىتىدىن كېيىن ئۆزى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز-ئارا سۆھبەتلەشكەن.

ياپونىيەدىكى موڭغۇل تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دايچىننىڭ قارىشىچە، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى رەھبىرى لوبساڭ سانگاينىڭ توكيودىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر، موڭغۇل مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئۈچ مىللەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دايچىن سۆزىدە يەنە، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر، موڭغۇل مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلاتقاندىلا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان بېسىمىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

توكيودىكى بۇ دوكلاتقا قاتناشقان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۈكى بۇ دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ قېتىمقى دوكلات تىبەت مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق تىبەت رەھبىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەردىنمۇ بەكرەك ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشى يىغىن ئەھلىنى تەسىرلەندۈردى ۋە ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى چەكتى» دېدى.

ياپونىيەدىكى بەزى بىر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى رەھبىرى لوبساڭ سانگاينىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.