«تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى «ئۈندىدار»نى ئالاھىدە سەزگۈرلەشتۈردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.11.09
uyghurda-internet.jpg تورخانىدىكى ۋېيبو (ۋەىبو) قاتارلىق بلوگلاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلار. 2011-يىلى 16-يانۋار، قۇمۇل.
AFP

دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 7-نويابىر كۈنى خىتايدا تور ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىدىغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «توردا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زەرەر يەتكۈزۈدىغان، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىدىغان ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئورۇندىغان ھەرقانداق مەزمۇن قاتتىق چەكلىنىدۇ.» دېيىلگەن. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يانفونلارغا تور توسۇقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتە قوللىنىلىدىغان ئەپلەرنى ئورناتقان كىشىلەرنى «2-دەرىجىلىك تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرمۇ خىتاي ماقۇللىغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور قوللانغۇچىلارغا تېخىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ئىدى.دەرۋەقە رادىئومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن بىر قىسىم ئىنكاسلاردىن خىتاينىڭ ھازىر ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى نامىدا يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈندىدار قوللانغۇچى ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك ساراسىمە پەيدا قىلغان. ھەر تۈرلۈك ئۈندىدار توپلۇقلىرىدا يېقىنقى كۈنلەردە روشەن سەزگۈرلۈك ۋە سۈكۈت ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا تەخمىنەن 710 مىليون كىشى توردىن پايدىلىنىدۇ،خىتاي ئەمەلىيەتتە تور قوللانغۇچىلار سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 7 يىل ئىلگىرىلا، يەنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2009 - يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىغا بىۋاسىتە ئاڭلىتىپ تۇرۇش، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ھەر ۋاقىت ئۈزۈپ قويماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى كوممۇنىستىك پارتىيە ئىچىدە بۆلۈنۈش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان يانفون ئۇچۇر سىستېمىسىنى يولغا قويغاندىن باشقا 2010- يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ تور ۋە ئۇچۇر ھەققىدىكى قائىدە ۋە بەلگىلىمىلىرىنى بارلىق ئابونتلارغا تارقىتىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ يانفون ئۇچۇر سىستېمىسى «توردا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زەرەر يەتكۈزۈدىغان، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىدىغان ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق مەزمۇن قاتتىق چەكلىنىدۇ» دېيىلگەن ئۇچۇرنى ھەر قايسى تور ۋە ئەقىللىق تېلېفون قوللانغۇچىلىرىغا ئەۋەتكەن. ئۈندىدار توپلۇقلىرىدىمۇ بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار يېقىنقى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى چۆچىتىشنى مەقسەت قىلىنغىنى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما دەرھال ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئۈندىدار توپلۇقلىرىدا بىنورمال بىر جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

مەلۇم بولغاندەك چەتئەللەردە كەڭرى قوللىنىلىدىغان، يەرشارىلاشقان نۇرغۇن توربەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ھەمدە ئەپلەر خىتايدا چەكلەنگەن بىر ۋاقىتتا، ئۈندىدار يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە سودا ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئادەتتە كۈندە ئالاقە قىلىۋاتقان ئۈندىدار دوستلار توپلۇقلىرىدىن تۇيۇقسىز چەكلىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى دوستلىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

3 يىل بۇرۇن ياۋروپاغا ئوقۇشقا چىققان بىر ئۇيغۇر ياشمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ كۈندە ئائىلىسىگە خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشتا ئۈندىدارنى قوللىنىپ كەلگەچكە بىردىنلا ئۈندىداردا سۆزلىشىشتىن مەھرۇم قېلىشنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئۇ ئاتا- ئانىسى ئېيتقاندەك ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىشنى ماقۇل كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈندىن كۈنگە قاتتىق چارىلەر بىلەن يولغا قويۇۋاتقان ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرى، ئۆزىنىڭ بۇ قارارىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ قانۇن ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تەرتىپكە سېلىش دەپ تەشۋىق قىلىنسىمۇ، مەقسەت يەنىلا تور ئىشلەتكۈچىلەر ۋە توردىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشنى ۋە ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرىغا زەربە بېرىشنى قانۇنلاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قانۇن ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى ۋە توردا ئەركىن پىكرى بايان قىلىشىنى تېخىمۇ بوغىدۇ.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دۆلەتلىك تور باشقۇرۇش ئىشخانىسى بۇلتۇر ئاپرېلدا ئېلان قىلغان «ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تەرتىپكە سېلىشتا رىئايە قىلىدىغان 10 بەلگىلىمە» دە سىياسىي مەزمۇندىكى يوللانمىلار سەزگۈر تېمىلار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

پۇقرالار دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپ تېمىلارنى يوللىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. خەۋەر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، مىكرو بلوگ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇر، ماقالە قاتارلىق تۈرلۈك يازمىلارنى نازارەت قىلىشقا كىرىشكەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى تور قوللانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپلا قالماي، تور دۇنياسى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان ئەل. خىتاينىڭ تورنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تور قوللانغۇچىلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى داۋاملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. ھالبۇكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تورنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، بىراق مىكرو بلوگ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان پىكىرلەر داۋاملىق كۈچىيىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.