تەڭرىتاغ تورىنىڭ دۈشەنبىلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشچىلىقىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، 12-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر قايسى تىللاردىكى ئىنتېرنېت تور ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى تەنتەنە ۋە تەشۋىق قىلىنغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئىنتېرنېتقا مۇناسىۋەتلىك ئادەم تۇتۇشنى توختاتمىغان، نۇرغۇن ئۇيغۇر تور بەت ساھىبلىرى ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن بوغۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە ئىنتېرنېت تور ساھەسىدە مەخسۇس بايرام ئۆتكۈزۈشى نېمىنىڭ ئېھتىياجى ۋە نېمىنىڭ ئىپادىسى؟
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمى» نى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، ئىنتېرنېت تور ساھەسىنىڭ ئىنتايىن تېز ۋە ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.
تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا يەنى 26-ئىيۇل ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان خىتايدىكى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتايدا يېڭى رەھبەر ئالماشقاندىن كېيىنمۇ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش سۈرئىتى ۋە مەزمۇن دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيگەنلىكى، پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئوخشاشلا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن يەنىمۇ قاتتىق ئۇسۇللار بىلەن كونترول قىلىدىغانلىقى 2013-يىلى 5-ئايغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 ئۇيغۇرنى «ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېررورلۇقنى تەرغىب قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان ئىدى.
باش شتابى پارىژدىكى «خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» ئېلان قىلغان 2013-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى باھالاشتا 179 دۆلەت ئىچىدە،خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە ئارقىدىن سانىغاندا 7-بولۇپ باھالانغان.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋە ئاخباراتچىلار ئۈستىدىكى بېسىمى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاخباراتىغا قاراتقان بېسىمى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن، بۇنى خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان 32 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 19 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەردىن ئىكەنلىكىدىن ئوچۇق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇۋېتىلىشى تەلەپ قىلىنغان 34 نەپەر ژۇرنالىست ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار مەمەتجان ئابدۇللا، تۇرسۇنجان ھېزىم، گۈلمىرە ئىمىن، نىجات ئازاد، نۇرئەلى، دىلشات پەرھات، غەيرەت نىياز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ژۇرنالىست ۋە تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەممىسى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەخسۇس خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر كونتروللۇقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەن 4 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئالغا ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى 23-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تارقىتىپ 28-ئىيۇندىن 15-ئىيۇلغا قەدەر بولغان يېرىم ئاي ئىچىدىلا يەنە 199 كىشىنى توردا ئىغۋا تارقاتتى دەپ توختىتىپ قويغانلىقىنى، 72 سىنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ب د ت نىڭ پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئالغا سۈرۈش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئەمەلدارى فرانك لا رىيۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، «خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭدىن چەتئەل ئاخباراتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە چوقۇم يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» دېگەن. شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى بولسا ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇچۇر دۇنياسىدىكى «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنجامىن ئىسمائىل خىتاينىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ رولىنى چەكلىك ھالغا چۈشۈرۈپ كۈچلۈك قامال قىلىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش ئەركىنلىكىنى كۈچلۈك بوغۇۋاتقان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە يەنە، مەخسۇس ئىنتېرنېت تور بايرىمى ئۆتكۈزۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى، ئەنگلىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ساھەسىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بايرام ئۆتكۈزۈشتە ئېھتىياج بولغان نۇقتىلىرىنى مۆلچەرلەپ :«بۇ بايرام ئارقىلىق خىتاي بىر تەرەپتىن، ئاممىنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھۆكۈمەت تەشۋىقات تورلىرىغا قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە قارشى يالغان تەشۋىقات قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما بۇ ئىككىلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر تورلىرىنى قانچە كونترول قىلسىمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى، تور ئۇچۇر ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.
دۇنيا مەتبۇئات-ئاخباراتچىلار بىرلىكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش، ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇچۇرنى قامال قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ھاكىمىيەتكە تەھدىت دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتتە باراۋەرلىك ۋە پاراغەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دېگەن ئىدى. بۇ خىل پىكىرنى قوللىغۇچى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە بۆلۈم مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھون ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ھەممىدىن قاتتىق ئۇسۇلدا بوغۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت تور تەرەققىياتىنى قۇتلۇقلاپ بايرام ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئەسلى زۆرۈر ئىكەنلىكى، بۇ خۇددى دۇنيادا قايسى مەسىلىگە ئىنسانلار بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى زۆرۈر تاپسا، شۇنى تېما قىلىپ بايرام ئۆتكۈزۈپ خاتىرىلىگەندەك بىر ئىش دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تور بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك، بۇ خىل بايرامدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىگە قاراتقان ناتوغرا سىياسىتىنى تەكشۈرۈپ تەنقىد قىلىپ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىشى ۋە دۇنيا ئىنتېرنېت -تور ئۇچۇر تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىنى، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىغا تەن بېرىپ، ماسلىشىش قەدىمىنى ئېلىشقا تەمشىلىشى كېرەك ئىدى، بەرىبىر خىتاي بۇ قەدەمنى ھامان ئېلىشقا مەجبۇر» دەيدۇ.