خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ۋىزا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكى ئىنكاس قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.02.11
turkiye-e-visa.jpg www.evisa.gov.tr تور بېتىدىكى ۋىزا ئېلىشنىڭ شەرتلىرى كۆرسىتىلگەن قىسمى.
www.evisa.gov.tr

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەلىك ساياھەتچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى.

«بىرگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىن ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خۇسۇسىي ساياھەت قىلغۇچىلارغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقى، سودا-تىجارەت ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن خىتاينىڭ رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرىدىن ۋە ياكى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان تەكلىپ بولۇشى شەرت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماس ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«بىرگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ساياھەت شىركەتلىرىگە ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشتا، سودا-تىجارەت ئۈچۈن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشتا، خىتايدىن دەۋەت قىلغان شىركەتلەرنىڭ تەكلىپ مەكتۇپلىرى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلەتلىك ئىدارە ئورگانلارنىڭ تەكلىپى ۋە تەستىقى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«بىرگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ۋىزا ئىشلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ خۇسۇسىي ۋىزا ئىلتىماس قىلىشىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە ساياھەت قىلىش مەقسەتتە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ساياھەت ۋىزا ئىلتىماسلىرى قوبۇل قىلىنمايدىكەن. ئەمما ئۆمەك بولۇپ ساياھەتكە بارىدىغانلارنىڭ ئىلتىماسى ئۆمەك ھالەتتە قوبۇل قىلىنىدىكەن. لېكىن، ئۆمەك ۋىزاسى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدىغان ساياھەت شىركەتلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ۋە كېلىشىم تۈزۈلگەن شىركەتلەر بولۇشى شەرت ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە ئىكەن.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ساياھەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇشى مۇمكىن؟ كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىگە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىشى ئۈچۈن ھەر خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈركلەرنىڭ ساياھەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەردە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولماقتا. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ۋە مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئەپەندى خىتاينىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى قىيىنلاشتۇرۇشنىڭ بىردىن بىر سەۋەبىنىڭ ئاساسلىقى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى ئېھتىماللىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي پۇقرالىرى تۈركىيەگە ساياھەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى. 2015-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەدە ئون مىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقىپ ئۇيغۇرلارغا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە خىتاينى نىشان قىلغان پائالىيەتلەر ۋە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي پۇقرالىرىنى تۈركىيەگە ساياھەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازاتجان بۇغرا خىتاينىڭ بۇ قارارىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە قارىغاندا، سىياسىي نۇقتىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ساياھەت ئىشلىرى تېز ياخشىلىنىپ، تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2015-يىلى 10 ئاي ئىچىدە ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 67.67% ئاشقان بولۇپ 282 مىڭ 872 كىشىگە يەتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.