تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ھەيئىتى تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
2015.08.10
تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق بىرلىكى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا كۈچىيىپ كەتكەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزگەن بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 10-ئاۋغۇست.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولغان تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 70 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قېتىلىشى بىلەن قۇرۇلغان تۈرك ھەمكارلىق ھەيئىتى، يەنى تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق بىرلىكى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا كۈچىيىپ كەتكەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى. بۇ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىغا، تۈركمەن، تاتار، ئەزەربەيجانلىقلار ۋە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى. باياناتتا تۈركىيەنىڭ دائەش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك تېررور تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. 70 ئاممىۋى تەشكىلات نامىدىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى شەنول بال خانىم مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ، مۇنداق دېدى:
بىز تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ھەيئىتىگە ئەزا 70 ئاممىۋى تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن بۈگۈنگىچە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردۇق. ھۆكۈمەتنىڭ تېررورغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدۇق. بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سىلەر ئارقىلىق شۇنى دېمەكچىمىزكى، كۇرت خەلقىمىزنى پ ك ك تېررور تەشكىلاتىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ كۈچىنى، خەلقىگە بولغان سۆيگۈ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك. تېررورىستلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.
شەنول بال خانىم بەرگەن باياناتىدا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ پ ك ك تېررور تەشكىلاتى بىلەن دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى، يەنى دائەشنىڭ خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بۇنىڭغا قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
يېقىندىن بېرى تۈركىيەدە ھەم پ ك ك تېررور تەشكىلاتى ھەمدە دائەش قوراللىق ھۇجۇم ئېلىپ بارماقتا. ھەر كۈنى دېگۈدەك ساقچى، ھەربىي ۋە ئاۋام خەلقلەر ئۆلمەكتە. بۇ تۈركىيەدىكى كىشىلەرنى قاتتىق ئەنسىزلىككە سالماقتا.
بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ھەيئىتىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە تەرۆر ۋەقەسىنىڭ 30 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 30 يىل ئىچىدە 35 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، كېيىن 2-3 يىل ئىچىدە تېررورلۇق ھۇجۇم توختىغان بولسىمۇ، بىر ئايدىن بېرى تۇيۇقسۇز كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. پ ك ك تېرۆر تەشكىلاتىنىڭ كۇرت مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە كۈرتچە مەكتەپ ئىچىشكە بولىدىغانلىقىنى، كۈرتچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ھەتتا كۈرت خەلقىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا 84 ۋەكىلىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈرتلەرنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنداق تۇرۇقلۇق پ ك ك نىڭ قوراللىق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.









