تۈركىيەلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋېتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.06.27
hidayetullah-gokturk.jpg ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك ئەپەندى ئايرودرومدىكى نازارەتخانىدا. 2016-يىلى 24-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك ئەپەندى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى ئايرودرومدا 36 سائەت نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى جەنۇبىي خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن ئايالى ۋە پەرزەنتىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقانلىقىنى، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا ئۈرۈمچى ئايرودرومغا يېتىپ بارغىنىدا، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالىڭ بار، دەپ نازارەت خانىغا سولاپ قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك ئەپەندى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۈرۈمچىلىك بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلغان ئىدى. ئۇ توي خېتى ئالغىلى بارغاندا ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، 5 ئاي كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى ئايرودرومدا 36 سائەت 3 ساقچىنىڭ نازارەتى ئاستىدا تۇتۇپ قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ، بۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە دۆلەت كادىرلىرىغا بېرىلىدىغان خىتايغا ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان پاسپورتى تۇرۇقلۇق بۇنداق مۇئامىلە قىلغان خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاينى ياخشى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، توي قىلغىلى بارغاندا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ياخشى سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭغا قاراپ خىتاينىڭ سىياسىتى ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ دەپ ئويلىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا دادىسىدىن تۈپەيلى بالىلىرىنىڭ، بالىلىرىدىن تۈپەيلى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ جازالاندۇرۇلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئوقۇتقۇچى ھىدايەتۇللاھ گۆكتۈرك ئەپەندى، ئەنقەرەگە بېرىپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەرز قىلىپ، بۇ ھەقسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆتكەن ئاي يەنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغان 15 تۈركمۇ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى. تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.