خىتاي ئەلچىخانىسى تۇنجى قېتىم «تۈركىيە-خىتاي ياش ئەلچىلىرى» نامىدا بىر ساياھەت ئۆمىكىنى خىتايغا ئەۋەتتى
2015.10.28
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن 15 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ «تۈركىيە-خىتاي ياش دوستلۇق ئەلچىلىرى» نامىدا خىتاينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن يولغا سالدى.
تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى «تۈركىيە-خىتاي ياش دوستلۇق ئەلچىلىرى» نامىدا تەشكىللىگەن، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن تاللانغان 15 تۈرك ئوقۇغۇچى بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە نىڭشيا قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 15 تۈرك ئوقۇغۇچىنى خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىغا چاقىرغان باش ئەلچى يۈ خوڭياڭ ئۇلارغا سۆز قىلىپ، تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي جەمئىيىتىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى چۈشىنىشىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «تۈركىيە-خىتاي ياش دوستلۇق ئەلچىلىرى» نامىدا قۇرۇلغان زىيارەت ئۆمىكىدىكى 15 تۈرك ئوقۇغۇچى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى، قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەم ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن تاللانغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار 10-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتايغا ماڭغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە نىڭشيا قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىدىكەن ھەمدە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، لېكسىيە ئاڭلايدىكەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى بۇرۇن ئۇيغۇر ۋە قازاق كۆچمەنلەرنى تەشكىللەپ خىتاينى زىيارەت قىلدۇراتتى. ئەمدى تۈركلەرنى تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ بۇ زىيارەتنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ تۈركىيەدە خىتاي تەسىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
در. ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان رايوننى چەتئەللىككە كۆرسىتىش سىياسىتىنىڭ ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، 15 تۈرك ئوقۇغۇچىنى نىڭشياغا ئاپىرىشىدىكى مەقسەتنىڭ خىتايدا دىنىي بېسىم يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» رەئىسى ھىدايەتتۇلا ئوغۇزخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدە بۇ خىل پائالىيەتنى كۈچەيتىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان تۈرك ئاممىسى ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.