تۈركىيە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئېلىشىنى قولايلاشتۇرغان بولسىمۇ، خىتاي تۈرك ۋىزىسى ئالغان ساياھەتچىلەرنى ئايرودرومدا توسۇۋالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.02.25
turkiye-e-viza-xitay-puhraliri.jpg خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى پۇقرالىرى ئۈچۈن تور ئارقىلىق ۋىزا ئېلىش ھۆججىتى
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تور ئارقىلىق ۋىزا (E - Visa) ئېلىپ تۈركىيەگە كىرىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.

تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى بىرلىكىنىڭ تور بېتىدە 24 - فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيەگە كېلىدىغان ساھايەتچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن 2013 - يىلى تور ئارقىلىق ۋىزا بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئىكەن. بۇ بەلگىلىمە بويىچە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى پۇقرالىرى پاسپورتىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى يەنى « OECD»غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياكى شەنگەن يەنى ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋىزىسى بولسا تۈركىيە ۋىزىسىنى تور ئارقىلىق ئالالايدىكەن.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا بۇ بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋىزىسىنى تور ئارقىلىق ئېلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋىزىسىنى ياكى شەنگەن ۋىزىسىنى ئالغان بولۇش شەرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي پاسپورتى بار كىشىلەر تور ئارقىلىق ۋىزا ئېلىپ تۈركىيەگە كىرەلەيدىكەن. تۈركىيەدە ھېچقانداق رەسمىيەت ئۆتمەي 30 كۈن تۇرالايدىكەن. بۇ ھۆججەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى، تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى بىرلىكىنىڭ تور بەتلىرىگە قويۇلغان.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن تارتىپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ ۋىزىنى ئېلىپ تۈركىيەگە كېلىدىغان كىشىلەر ئايرودرومدا توسۇۋېلىنغان.

ئىستانبۇلدىكى ساياھەت رەھبىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەملەر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ساياھەت دۆلىتى بولغاچقا پۇل تېپىش ئۈچۈن بۇنداق بىر بەلگىلىمىنى چىقارغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن بۇنىڭغا رىئايە قىلمايۋاتقان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.

مەمەت ئايدىن ئەپەندى بولسا بەزى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تور ئارقىلىق ئالغان ۋىزىسى بىلەن تۈركىيەگە كېلىش ئالدىدا خىتايدىكى ئايرودروملاردا توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى پۇقرالىرى ئۈچۈن تور ئارقىلىق ۋىزا ئېلىش ھۆججىتى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.