تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.02.19
adana-uyghur-mesilisi.JPG ئادانا شەھىرىدە ئېچىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن زالىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، تۈركىيەنىڭ 5-چوڭ شەھىرى ئادانا شەھىرىنىڭ چۇقۇروۋا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن چاقىرىلدى.

يىغىنغا ئادانا شەھەر باشلىقى مۇئاۋىنى سۇلايمان ئەپەندى، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ھۈسەيىن قۇشجۇ ئەپەندى، ئادانا تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئىلكەر مەدەنى ئەپەندى ۋە ئادانا شەھىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ھۈسەيىن قۇشجۇ ئەپەندى قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ 64 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئىسمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تامامەن يوق قىلىش سىياسىتىنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ توسمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئادانا شەھەر باشلىقى مۇئاۋىنى سۇلايمان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جىددىي داۋالاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن تەكلىپ بويىچە دوكلات بېرىش ئۈچۈن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە، شۇنداقلا تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى مېنى قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا مىساللار بىلەن مەلۇمات بەردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، چۇقۇروۋا تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشتى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ژۇرنالىست ئوسمان پالاموت، ئوغۇز بايتوق ۋە نۇرەتتىن چەلمەئوغلۇ ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. 3 سائەت داۋاملاشقان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار، بېسىملار ۋە بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزبېكىستاندىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر ئەڭ كۆپ شەھەرلەردىن بىرى. بۇ شەھەردە تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدا بىر ئاممىۋى تەشكىلاتمۇ بار. 15-فېۋرال كۈنى ئادانا شەھىرى چۇقۇروۋا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىنغا كۆپ ساندا ئۆزبېكلەرمۇ قاتناشتى. ئۇلار ئادانادا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئۆزبېكلەرنى تونۇتۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىمۇ تونۇتۇپ كەلمەكتە. بىز بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۆزبېكلەرگىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئابدۇلئەھەت بايخانوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازابلارنى ئاڭلىتىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەتراپلىق بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.