تۈركىيە دۆلەت رەئىسى باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشى كېرەك»
2016.06.16
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندى 30 ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسىنىڭ يېڭى سارىيىدا قوبۇل قىلغاندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ھەشەمەتلىك يېڭى ساراينى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان يالچىن توپچۇ ئەپەندى، ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلاردىن چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشنى خالايسىلەر دەپ سورىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئۇلار تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئاڭلىتىلغان بىر پارچە تەلەپ خەتنى يالچىن توپچىغا بېرىپ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاخىرىدا 30 ئۆسمۈر ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇغا كۆك بايراق، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە كىتاب سوۋغات قىلدى. يالچىن توپچۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئويۇنچۇق تارقىتىپ بەردى.
ئارقىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يالچىن توپچۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپ خۇرسەن بولدۇم. شەرقىي تۈركىستاندا دېموكراتىيەلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالمىغان ئائىلىلەرنىڭ بالا-چاقىلىرى تۈركىيەدە بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تەلىم تەربىيە ئېلىۋېتىپتۇ، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇلارنى تەربىيەلەۋېتىپتۇ. ئوقۇتقۇچىسىدىنمۇ ئاڭلىدىم، ئۇيغۇر تارىخىنى، ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ھەم تۈركىيەنىڭ، تۈرك دۇنياسىنىڭ، ھەم تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىنى، ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم.»
يالچىن توپچۇ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە ياراشمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:«ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان دېگەندە، ئۇيغۇر تۈركلىرى دېگەندە، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر قانداق بىر تۈرك، ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەم، زۇلۇمنى ئاڭلىغىنىدا كۆزىگە ياش ئالىدۇ، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ئەپسۇسكى، مەنمۇ ھازىر شۇ ھېسسىياتتا. خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا خەلقئارا قانۇندا بەرگەن ھەق ۋە ھوقۇقنى بەرمەسلىكى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى، ھەم ئەركىن دۇنياغا ياراشمايدۇ، ھەمدە خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتكە ياراشمايدۇ.»
يالچىن توپچۇ ئەپەندى رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزى ئۇ يەرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ نام بەرگەن. خەلقئارا قانۇندا ئاپتونومىيەگە بېرىلگەن بەزى ھوقۇقلار بار. ئاپتونوم رايوندا ياشىغان كىشىلەر خەلقئارا قانۇندا ئۇلارغا بېرىلگەن بەزى ھەق ۋە ھوقۇقلار بىلەن قوغدىلىدۇ. خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتتىن دۇنيا ۋە تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرگە خەلقئارا قانۇندا بېرىلگەن ھەق ۋە ھوقۇقنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي بۇ مەسىلىدە دۇنياۋى ئويلىغان بولسا، ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت كۆۋرۈكى بولالايدۇ. ئىقتىسادىي ۋە ساياھەت جەھەتتىكى كۆۋرۈك بولالايدۇ. خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ پايدا ئېلىپ كېلەتتى. ئەپسۇسكى بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيەلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلماقتا. بۇنىڭدىن كۆڭلىمىز بەك يېرىم. تۈرك دۇنياسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىمۇ بۇنىڭدىن بىئارام بولماقتا. بىز خىتايدىن خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئۇيغۇرلارغا بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچى ئەپەندى مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، بولۇپمۇ تىلىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىستانبۇلدىن كەلگەن 30 ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدىمۇ بەزى ئۇيغۇر بالىلار مەكتەپ سېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. يالچىن توپچۇ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن مەدەنىيەت مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىمۇ سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلەشكەن ئىدۇق. ئەسلىدە قەيسەرىدە قەيسەرى شەھەر باشلىقىمۇ ياخشى بىلىدىغان، ھازىر مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئۆزھاسەكى ئەپەندىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئۆتكەندە مەن ئۇچراشقاندا بۇ مەسىلىنى سۆزلەشكەن ئىدىم. ئەسلىدە قەيسەرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەركىزى قىلىپ قۇرالايمىز. ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى، تىلىنى بىزگىمۇ ئۆگىتەلەيدۇ. بىز مىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلغان بولغاچقا، تىلىمىز ۋە چىرايىمىزمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى. مەن قەيسەرىدە ئۇيغۇر مەھەللىسى، ئۇيغۇر مەكتىپى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمەن. مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار بىلەنمۇ سۆزلەشتىم. يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئاناتولىيەدىكى تۈركلەر بىلەن يېقىنلاشسۇن، ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرسۇن. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز، بىز ئۇنتۇپ كەتكەن مەدەنىيىتىمىزنى بىزگە قايتا ئۆگەتسۇن.»
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 6-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى سارىيىنى زىيارەت قىلغان 30 ئۇيغۇر ئۆسمۈر، تەلەپ خېتىنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بەردى. يالچىن توپچۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپ خېتىنى ئەينى كۈنى ئاقشام ئىپتار زىياپىتىدە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۇ ئاقشام ئىپتار زىياپىتىدە بىرلىكتە بولىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا بالىلىرىمىز ماڭا بەرگەن خەت بىلەن سوغاتنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»
يالچىن توپچۇ ئەپەندى 1957-يىلى تۈركىيەنىڭ ئارداغان ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئۇ، سىياسىي ھاياتىدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسلىكى، مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. ھازىر تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.