تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىش ئۈچۈن بىرلەشتى
2016.12.19

12-ئاينىڭ 17-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 10 ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى ئىلھان تۇرانلى، ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ۋەخپى رەئىسى ئابدۇجېلىل تۇران، قۇتادغۇ بىلىك ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇغېنى قۇتۇبى قاتارلىق 10 ئاممىۋى تەشكىلات ھەم فوند مەسئۇللىرىدىن باشقا يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، ئىلياز ساكا، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي، ئىسمائىل جېنگىز، دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق 30 غا يېقىن مۇھىم شەخسلەر قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈچلۈك ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا يەنە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان تەلەپ-ئىلتىماسلارنىڭ قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
3 سائەت داۋام قىلغان مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە نەتىجىسىدە تەشكىلاتلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، مەسلىھەتلىشىش شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن ئايدا بىر قېتىم توپلىشىپ پىكىرلىشىش قارار قىلىندى.
يىغىندا، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىش، يىغىن-مۇراسىملار ئۇيۇشتۇرۇپ تۈركىيە كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش، كىشى ۋە تەشكىلات-ئورگانلارنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش، مەتبۇئاتلاردا بايانات ئېلان قىلىش، دوكلات ھازىرلاپ كىشى ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەرگە تەقدىم قىلىش دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى قىلىش تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم مۇۋاپىق كۆرۈلدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇزاكىرە ۋە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن ئېچىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان «ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» نى قايتىدىن جانلاندۇرۇش تەكلىپى يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن بىردەك مۇۋاپىق كۆرۈلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل تۇران، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى تىبەت يۈجەتۈرك، ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.