شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ياۋروپادىكى تەشۋىقاتى كۈچەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.07.02
abdujelil-qaraqash-ishxana.jpg شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى ئىشخانىسىدا. 2016-يىلى ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

مەلۇم بولۇشىچە ياۋروپادا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى نۆۋەتتىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ نىشانىنى ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەرگە قاراتقان ۋە مەلۇم دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. مەركەز مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقان گېرمانىيەدىكى جۈملىدىن ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ سانى بارا - بارا كۆپىيىشكە باشلىغان.

«ئۇيغۇرTV» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى بىلەن گېرمانىيەدە تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى بۇ يىل رامزاندا دۇيىسبۇرگ شەھىرىدىكى تۈرك جامائىتىگە كۆپ قېتىم ئىپتار بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

مەركەز 22-ئىيۇن ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتى شۇ خىلىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىگىلىشىمىزچە، شۇ كۈندىكى پائالىيەتكە دۇيىسبۇرگ شەھىرى ۋە ئەتراپتا ياشايدىغان تۈركلەر قاتناشقان.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىگە ئىپتارغا كەلگەن گېرمانىيەدىكى «NITAB» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى داۋۇت كاراپىنار ئەپەندىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيۇن مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى تەشكىلاتىنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈندۇر. مەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسىدىن ئاڭلاپ تۇرىمەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بەك ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكتىن تامامەن مەھرۇم قالغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە كۆز يۇمۇۋاتىدۇ. بۇ تەرىپىدىن بەكلا مەيۈسمەن. بىر مۇسۇلمان، بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ بەكرەك بىر ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىملىقىنى، دەرھال بىر ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىملىقىنى ھېس قىلماقتىمەن.»

«نىتاب»، يەنى «نىدېرخايىن تۈرك ئاكادېمىكلەر بىرلىكى» نوردخەئىن-ۋېستفالىن ئۆلكىسىدىكى تۈرك زىيالىيلار جەمئىيىتى بولۇپ، ئابدۇجېلىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاكادېمىكلەردىن تەركىب تاپقان بۇ زىيالىيلار قوشۇنى شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماسىيۇن مەركىزىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان تۈرك ئاكادېمىكلەر بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈرك خانىملاردىن بىرى، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىگە بۇ يىل رامىزان كىرگەندىن بۇيان 3-قېتىم ئىپتارغا كەلگەنلىكىنى، پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قان-قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن قوللاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماسىيۇن مەركىزىگە يالغۇز ئىپتار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بولغان ھىمايە ۋە ھېسداشلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كەلدۇق.»

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى 1996-يىلى 1-ئىيۇن ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، تەشكىلات رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە مەقسىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرخىل گېزىت، ژۇرناللارنى نەشر قىلىش، ئىنتېرنېتتا رادىيو، تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەسىس قىلىپ ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتتا ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىچىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سىياسىي تەشۋىقات جەھەتتىكى رولىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ھازىرقى تەشۋىقات نىشانىنىڭ تۈرك جامائىتى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، بارغانسېرى كۆپ تۈركلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە مەركەزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، ئەينى يىللىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى بىر قىسىم پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي زاتلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى تىلغا ئالدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ئۆز تارىخىدا بارلىققا كەلتۈرگەن «تامچە» ژۇرنىلى، «ئۇچقۇن» گېزىتى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» تور رادىئوسى، «ئۇيغۇر TV» تور تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلار ئۆز زامانىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور تەسىر قوزغىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولۇپ، پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنى «تېررور تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن ھەمدە ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىنى 11 نەپەر «تېررورچى شەخس» نىڭ بىرى قاتارىغا تىزغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ غەرب ئەللىرىدە قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرىنى چەكلەش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن.

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ھازىر گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ شەھىرىدە ئايرىم ئىشخانا تەسىس قىلىپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ شەھەردە ياشايدىغان مىڭلىغان تۈرك جامائىتىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللاشلىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.