ئانالىزچىلار: دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تەسىرىنى چەكلىشىگە، ئەنسىرەش سەۋەب بولدى
2017.03.04

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قارىتىلغان بېسىم ۋە تەقىپنى ئىلگىرىكى يىللاردىن ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، دائىرىلەر ئىلگىرى چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قارىتىلغان بېسىملارنى كۈچەيتكەن بولسا، ئەندى چەتئەللەردىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ھەتتا چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارغا قەدەر كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تەقىپ قىلىشلار خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ۋەزىيەت ئاناللىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
ئەمما، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، شۇ دۆلەتنىڭ پاسپورتىنى ئېلىپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قارىتىلغان نارارەت ۋە تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوخشىمىغان ھالەتتىكى زەربە بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىغا قاراتقان نازارىتى ۋە تۈرلۈك بېسىملىرى، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىڭلىسىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېلشات ئەپەندىنىڭ ئۇلارغا تېلېفون قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمە-تەقىپ ۋە بېسىملارنى يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان يەنىمۇ كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل چەكلىمە-بەلگىلىمىلەرنى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغانغا قەدەر كېڭەيتىشى، بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىپادىسى.
مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيىلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ بۇلتۇر خىتايدا داۋاملىق مۇخبىرلىق قىلىشى چەكلىنىپ، ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىغا، ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئالدىنقى يىلى 9-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى كۆمۈركانغا ۋە خىتاي ساقچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇم ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دېيىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەب بولغان. ئۆتكەن ئايدا نيۇيورك شەھىرىدە ۋاپات بولغان تىبەت تەتقىقاتچىسى ۋە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناش پروفېسسورى ئېللىئوت سپىرلىڭ ئەپەندى ھايات چېغىدىكى تەتقىقاتلىرىدا كۆپ قېتىم تىبەت رايونىغا تەكشۈرۈشكە بارغان. ئەمما ئېللىئوت سپىرلىڭ ئەپەندى 2014-يىلى 15-يانۋار يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تىبەتلەر رايونىغا قايتا بېرىپ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىلتىماسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى.
بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنجىنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۆز ئائىلىسى ۋە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى نەقىل ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلارنىمۇ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇشىغا، خىتاي ھۆكۆئۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىشى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقى مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى پۈتكۈل خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى دەپ ئەنسىرىشى ۋە بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ دەپ قارىشىدەك كۆپ خىل ئامىللار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىچكى ۋە سىرتقى سىياسىتىدە قاتتىق قول بولۇشى ۋە بۇ خىل سىياسەتنى داۋاملىق كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولغان.