دېھقان: كەتمەن تۇتالىغۇدەك چاغلىرىمدىن باشلاپ ھاشارغا بارغىلى تۇغان ھازىرغىچە تۈگىمىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.04.09
hasha-305.jpg خوتەندىكى ھاشارغا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار.
RFA

ھاشار ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈستىدىكى تېخىچىلا تۈگىتىلمىگەن ئېغىر سېلىقنىڭ بىرى. ھاشار ئەمگىكىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى چەت نامرات يېزا كەنتلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم. ھازىرقىدەك ئەتىياز مەزگىلى بولسا ھاشار ئەمگىكىنىڭ ئەۋجىگە چىقىدىغان مەزگىللىرى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە جەنۇبتىكى ھەر قايسى ناھىيە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر باشقۇرۇشىدىكى تور بەتلەردە يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى جايلاردا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىنىپ، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەر ياسىلىۋاتقانلىقى، بوز يەر ئېچىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىلگىرى بۇ خىل خەۋەرلەرگە ئاساسەن جايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن دەل بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ دېھقانلارنى ھاشارغا ئىشلىتىش ئارقىلىق تاماملىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلگەن ئىدى. دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە دائىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان تاش يول قۇرۇلۇشى، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش قۇرۇلۇشى ۋە بوز يەر ئېچىش قۇرۇلۇشلارغا ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ ئاجرىتىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل قۇرۇلۇشلارغا يەرلىك دېھقانلارنىڭ بىكارغا ئىشلەشكە، ھەق بېرىلمىگەندىن باشقا دېھقانلار يول ھەم كۈندىلىك تاماق چىقىملىرىنىمۇ ئۆزى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر. ھاشارغا قاتنىشالمىغانلار بولسا جەرىمانە ۋە باشقا جازالاشقا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ئېغىر.

بىز ھاشار ئەمگىكىنىڭ خوتەننىڭ بەزى جايلاردا يەنە باشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، گۇما ناھىيىلىك ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ھاشار ئەمگىكى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كادىر، ھاشار ئەمگىكىنىڭ بىر قانچە يىل بۇرۇنلا بىكار قىلىنغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ بۇ خىل ئەمگەكلەرگە بارغان تەقدىردىمۇ مۇۋاپىق ھەق بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھالبۇكى دېھقاننىڭ جاۋابى باشقا. گۇما ناھىيىسىدىن بىر دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە دەل ھاشارغا ئىشلەۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ يېرىگە ئىشلەشكە يېتىشمەيۋاتقانلىقىدىن مۇنداق شىكايەت قىلدى: «ھاشار نەدە تۈگەيدۇ، مۇشۇ 3-ئاي كىرىشى بىلەن يەنە ھاشار باشلاندى، بۇ قېتىم كادىرلارنىڭ يېرىگە بىكارلىق ئىشلەۋاتىمىز، ئۆزىمىز مېڭىپ يا بولمىسا ئېشەك ھارۋىمىز بىلەن بارىمىز، ھەق بەرمىگەندىن سىرت، ئاش-نېنىمىزنىمۇ ئۆزىمىز ئېلىپ بارىدىغان گەپ، چىقمىساق 40، 50 كويدىن جەرىمانە ئالىدۇ، مىنبىڭلار بېشىمىزدا تۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئىشلەش ۋاقتىمىزمۇ ئوخشاش ئەمەس، بەزىدە كۈن چۈش بولغۇچە، بەزىدە كەچ بولغۇچە، ھەر ئائىلىدىن بىر دېھقان چىقىدىغان گەپ، ئەر يوق بولسا ئاياللارمۇ بارىدۇ. مەن كەتمەن كۆتۈرەلىگۈدەك چاغدىن باشلاپلا ھاشارغا ھەيدىگىلى تۇرۇپتى، ھازىرمۇ ئىشلەۋاتىمەن، بۇ ھاشار تۈگەمدىغاندۇ زادى؟.»

قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇقى دەپ قارىلىۋاتقان ھاشارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈگىتىلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ دېھقاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ئەتىياز پەسلى دېھقانلار ھاشارغا تۇتۇلسا، باشقا چاغلاردا كۈن بويى ب كەنتلەردە سىياسىي ئۆگىنىش، يىغىنلارغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، دېھقانلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى قاتلاملاردا مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان دېھقانلارنى باشقۇرۇش تەدبىرى دەپ چۈشىنىدىكەن، بۇ ھەقسىز تۈزۈمگە ھەممە ئوخشاش نارازى بولسىمۇ ئۇنى ئىپادىلەشكىمۇ ئامالسىز قالماقتا ئىكەن.

سوئال: ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارغا نارازىلىقلارنى يەتكۈزمىدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدىكەن، كىرەلمەي يېنىش كېلىدىغان گەپ، بۇ تۆۋەنگە كادىر چۈشۈۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ شۇ كىم قوي سويسا شۇنىڭكىگە بېرىپ ئولتۇرۇپلا كېتىشىدىكەن، كىم ئاڭلايدۇ دېھقاننىڭ دەردىنى دەيلا.... بىر يىل ئىشلەپ ئاران قورساق تويغۇدەك ئاشلىق ئالغاندىن باشقا يىللاپ قولىمىز پۇل كۆرمەيدۇ»

بىز بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان كىشى ئۆزىنىڭ پارتكوم كادىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن باشقا سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىدى ۋە دەسلەپ دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىنى «ئىغۋا» دەپ ئىنكار قىلدى :
مۇخبىر: «مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى، گۇما قاتارلىق بەزى جايلاردا دېھقانلاردىن ھاشارغا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلارغا ئىگە بولدۇق، ھاشار نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر بىكار قىلىنمايدۇ؟
جاۋاب: ھاشار بىكار قىلىنغىنى بەش ئالتە يىل بولدى، سىزگە ئىنكاس يەتكۈزگەنلەر پۈتۈنلەي يالغان گەپ قىپتۇ، ئىغۋا بۇ. مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدىمۇ يەرلەر بار دېھقانلار ئىشلەيدۇ لېكىن باھادا كېلىشىپ ھەق تۆلەيمىز، رازى بولماي تۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، ھازىر دېھقانلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدايدىغان مەخسۇس ئورگانلارمۇ بار، ھاشارغا ئىشلىتىدىغان ئىش يوق.

كېيىن بۇ كادىر يەنە سوئالىمىزغا مۇۋاپىق جاۋاب تاپالمىغاندا بولسا «مەن خىزمەت قىلىۋاتقان تەۋەلىكتە بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس بەلكىم باشقا جايلاردا بۆلىشى مۇمكىن » دەپ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى باشقىدىن ئېتىراپ قىلدى.

سوئال: ئەجەبا دېھقانلار يالغان سۆزلىگەندىمۇ ؟ ئۇلار سىلەرگە ئەرز قىلايلى دېسە ھەتتا ھۆكۈمەت دەرۋازىلىرىدىن كىرەلمەيدىكەنمۇ؟
جاۋاب: ئۇنداق ئىش يوق، ھەر دەرىجىلىك جايلاردا ھۆكۈمەت ئەرزىيەت ئىشخانىلىرىمىز بار، ئاساسىي قاتلامغا كادىر چۈشۈرۈۋاتىمىز. مەنمۇ ھازىر ئاساسىي قاتلامغا كۈندە چۈشىمەن دېھقانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنداق ئەھۋالنى ئۇچراتمىدىم.

سوئال: سىز باشقۇرغان جايلاردا مەۋجۇت بولمىغان بىلەن باشقا جايلاردىمۇ يوق دەپ ئېيتالامسىز، سىز خوتەندە ھەممە يېزا كەنتلەرگە بېرىپ ھاشار ئەمگىكىنىڭ زادى بار يوقلۇقىنى ئىگىلەپ باقتىڭىزمۇ ؟
جاۋاب: ئۇنداق قىلىپ باقمىدىم ئىشقىلىپ مېنىڭ باشقۇرۇش دائىرەمدە يوق، بەلكىم باشقا جايلاردا بۆلىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.