قەشقەر دېھقانلىرى «تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە روزا تۇتماقتا»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.04.17
baykol-dehqan-yer-qoghdash-1.jpg بايكۆلدە ئېتىز بېشىدا يېرىنى قوغداپ ياتقان دېھقان تۇرسۇن تۇرغان. 2013-يىلى ئىيۇن. غۇلجا.
RFA

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرى قىيىن ئەھۋالدا قالماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ قايتا قۇرۇش پىلانىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان قەشقەر-شېنجېن تەرەققىيات رايونى زور كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆي-مۈلك شىركەتلىرىنىڭ كۆزى قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى يېرى مۇنبەت، ئورنى قۇلاي بولغان ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىگە قادالغان.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئاستىرتىن يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىشى ۋە يۇقىرىدىن ئۆزىگە پايدىلىق سىياسەت ئېلىشى نەتىجىسىدە قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زور كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرلىرى قولدىن كەتكەن. شەھەر ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى «يەر ھۆكۈمەتنىڭ» دېگەننى باھانە قىلىپ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تۆۋەن باھادا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بەرگەن. يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ ھال-دەردىنى ئاڭلايدىغان ئورۇن چىقمىغان. ھەتتا يېقىندىن بۇيان «خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار» مۇ دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بولغان يەر مەسىلىسىگە ئارىلىشالمىغان.

يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى مەلۇم كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دېھقان ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يەرلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئەمما تۆلەمگىمۇ ئېرىشەلمىدۇق!

32 ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىزنىڭ كەنتنىڭ ئورنى شۇنداق ياخشى، قەشقەر شەھىرىگە پەقەتلا 8 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەن 1981-يىلى تۇغۇلدۇم. ئېسىمنى بىلسەم، ئاتا-بوۋىلىرىمىز نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان بۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىپ كەپتۇ. بىزمۇ شۇنى داۋاملاشتۇردۇق. 1999-يىلى ئاخىرقى قېتىم تېرىلغۇ يەرلەرنى تەڭشىگەندە تەۋەيىمىزدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى دېھقانلارنىڭ قولىدا ئىدى. 2002-يىلىدىن كېيىن ئەھۋال بىراقلا ئۆزگەردى. شەھەر كېڭەيتىلىپ، بىزنىڭ يەرلىرىمىز تارىيىشقا باشلىدى. شەھەر ۋە يېزا كادىرلىرى ھە-دېسىلا ‹يەر ھۆكۈمەتنىڭ، يەر كوللېكتىپنىڭ› دېگەننى پەش قىلىپ تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى تۇردى. دېھقانلار بۇنىڭغا قارشىلىق قىلسا ئۇلار ھەر خىل ئاماللار بىلەن باستى. ‹بۇ يەرلەر دەپتەرگە چۈشمىگەن، تىزىمغا ئېلىنمىغان، يەر ھۆكۈمەتنىڭ بولغاچقا سىلەرنىڭ داۋا قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق› دەپ دېھقانلارنى قايمۇقتۇردى. ھەتتا قولدىن كەتكەن يەرلەر ئۈچۈن تۆلەمگىمۇ ئېرىشەلمىدۇق!»

دېھقانلار ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان كەنت كادىرلىرى بۇ يەردە يوق!

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنداق دېدى:
«كەنت كادىرلىرى بىز ئۈچۈن گەپ قىلمايدۇ. دېھقانلار ئەرز قىلسا كەنت كادىرلىرى ئۇلارنى باسىدۇ. يۇقىرىدا سىياسەت ياخشى دەيدۇ، لېكىن بۇ يەردە ھېچ ھېس قىلمىدۇق. تۆۋەندە كادىرلارنىڭ چىرىكلىكى بەكمۇ ئېغىر. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان كەنت كادىرلىرى 10% كىمۇ يەتمەيدۇ.»

«كەنت باشلىقى بىلەن كەنت سېكرېتارىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار ‹بۇ سېنىڭ كەنت باشلىقىڭ، بۇ سېنىڭ سېكرېتارىڭ!› دەپ ئەكېلىپ قويىدۇ. سايلام دەيدىكەن، ئەمما ھازىرغىچە مەن سايلام ئۆتكۈزۈپ كەنت كادىرلىرىنى دېھقانلارنىڭ سايلاپ باققانلىقىنى كۆرمىدىم. بىزنىڭ بۇ كەنتتە دېھقانلارنىڭ يەر دەۋاسى چىققاندىن بۇيان 5-6 كەنت سېكرېتارى ئالمىشىپ بولدى. دېھقان ئۈچۈن گەپ قىلغان سېكرېتار ھەرگىزمۇ ئەمىلىنى ساقلاپ قالالمايدىكەن، بەلكى دېھقاننى قانچىلىك باسقان، ھۆكۈمەت ئۈچۈن توختىماي كەتمەن چاپقان كىشى ئاندىن كەنت سېكرېتارى بولالايدىكەن.»

«يەرلىرىمىزنىڭ قولدىن كېتىشىدە كەنت كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار بۇ يەردىكى 4-5 مىڭ نوپۇسقا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدۇ. چىرىكلىك ئېغىر بولغاچقا ئۇلار ھەر ۋاقىت دېھقانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىدۇ. ھەر ۋاقىت ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، يەرلىرىمىز بىر-بىرلەپ قولدىن كەتتى…»

يەر دەۋايىمىزنىڭ ھەل بولۇشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ!

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھەر ھەپتىدە بېرىپ قولدىن كەتكەن يەرلىرىمىزنى دەۋا قىلىۋاتىمىز، لېكىن ئۇلار ئەتە كەل، ئۆگۈن كەل دەپ مۇشۇ كەمگىچە گېپىمىزنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ باقمىدى. دېھقان دېگەن قوينىڭ قوزىسىدەك ياۋاش كېلىدىكەن، نەگە ھەيدىسە شۇ ياققا ماڭىدىكەن.»

«ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىن دېھقانلارنىڭ ھال-دەردىنى ئاڭلىغىلى كادىرلار چۈشتى دەپ ئاڭلايمىز، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كەنتكە كېلىپ باقمىدى. بىزنىڭ كەنتتە يەر دەۋاسى چىققاچقا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇلارنى بىزنىڭ كەنتكە قەستەن ئەكەلمىگەن بولسا كېرەك. تۆۋەنگە چۈشكەن ئاشۇ كاتتىلارنىڭ دېھقان ئۈچۈن بىرەر ئىشنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى ھېچ ئاڭلىمىدۇق. قىسقىسى، دېھقاننىڭ ھال-دەردىگە يېتىدىغان بىرەر كادىرنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدۇق!»

«2002-يىلىدىن بۇيان، بىزنىڭ بارمىغان يېرىمىز قالمىدى. يېزا ئاتلاپ شەھەرگە، شەھەردىن ۋىلايەتكە، ۋىلايەتتىن ئاپتونوم رايونغا، ئاپتونوم رايوندىن مەركەزگىچە باردۇق. ھالبۇكى، دېھقاننىڭ ئەرز-دادىنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم يوقكەن. شەخسەن مېنىڭ بۇ دەۋانىڭ ھەل بولۇشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.»

دەلىل-ئىسپاتلىرىمىز تارتىۋېلىندى، ۋەكىللىرىمىز سولاپ قويۇلدى

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنى بايان قىلدى:
«ئەرز قىلىش ئۈچۈن سايلانغان دېھقان ۋەكىللىرىمىز ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ 15 كۈن سولاپ قويۇلدى. ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئەرز ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. ئۇلار ھەتتا ‹يالغان ماتېرىيال توپلاپ، ساختا دەلىل-ئىسپات ياساپسىلەر، كەنتنىڭ تامغىسىنى ياساپ ئىشلىتىپسىلەر، دېھقانلارنى كۈشكۈرتۈپسىلەر› دېگەندەك بەتناملار بىلەن ۋەكىللىرىمىزگە بېسىم ئىشلەتتى. ئويلاپ بېقىڭ، دېھقانلار قانداقمۇ تامغا ياساپ، يالغان ئىسپات تەييارلىسۇن!؟»

يەرلىرىمىز ئازىيىپ كەتكەچكە دېھقانلار مەدىكارغا ئايلانماقتا

ئۇ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىزنىڭ بۇ يېزا قەشقەر شەھەر بويىچە يېرى ئەڭ قىس، نوپۇسى ئەڭ زىچ جايلارنىڭ بىرى. يۇقىرى تەرەپتىكى بىرقانچە كەنتلەردە نوپۇس بېشىغا 5-6 پۇڭدىن تېرىلغۇ يەر تەگسىمۇ، ئەمما تۆۋەنكى كەنتلەردە نوپۇس بېشىغا ئاران 1-2 پۇڭدىن يەر تېگىدۇ. ئۆتكەندە پۈتۈن يېزا بويىچە ستاتىستىكا قىلغاندا نوپۇس بېشىغا ئاران 4 يېرىم پۇڭدىن يەر تېگىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.»

«يەر ئاز، مەھسۇلاتلار يېتەرلىك بولمىغاچقا كۆپ قىسىم دېھقانلار مەدىكارلىق قىلىپ كۈندە تاپقان پۇلى بىلەن ئائىلىسىنى قامدايدۇ. ئۇندىن باشقا دۆلەتكە ئاشلىق سېتىپ بېرىش ۋە ھەر تۈرلۈك غەللە-پاراقلار بار، ھاشار ئۈچۈنمۇ دېھقانلار بىرمۇنچە ئاۋارە بولىدۇ. ئومۇمەن ھازىر دېھقانلار تېشىدا ھېيت ئوينىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئىچىدە روزا تۇتۇپ ياشىماقتا.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.