بۇلتۇردىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈندىدار قاتارلىقلاردا يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلار تېما قىلىنغان قوشاق-يازمىلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.
ئۇلاردا ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلارغا قارىتا يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن باشقا، ئاشۇ كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلار ۋە بارغانچە ئېشىۋاتقان خىزمەت بېسىمىغا قارىتا نارازىلىقلىرىمۇ ئىپادىلەنگەن.
ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار تورىدا يېقىندا تارقالغان، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ دەردى ھەققىدىكى قوشاق دىققەت قوزغىدى.
قوشاقتا تىلغا ئېلىنغان، ئۆز ئىشلەۋاتقان كەسپى، ئىللىق ئائىلىسى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ، 6 ئايلىقتىن ئىككى يىلغىچە يېزىلاردا نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىرلارنىڭ ھېس تۇيغۇلىرى تەسۋىرلەنگەن:
- خىزمەت دەپ شەنبىدە ئىشلە،
تەكشۈرۈش دەپ يەكشەنبە ئىشلە!
تەكشۈرگۈچى كېلەر بولسا،
ئۇخلىماي كېچىدە ئىشلە!
ئىشلە كادىر ئىشلە،
كۆزۈڭ كور بولغاندا،
ئىچىڭ دەردكە تولغاندا،
يۈزۈڭ ھېرىپ سۇلغاندا،
ئاندىن بارمىقىڭنى چىشلە.
دېگەن مىسرالار ئارقىلىق، نورمال ئىنسانلىق ھەققى بولغان دەم ئېلىشلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ناھەقچىلىقلارغا كۆز يۇمۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر كادىرلار يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋال بايان قىلىنغان.
ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى« يېزا-كەنتلەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەمدە بولۇش، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ ۋە چۈشىنىشنى كۈچەيتىش» دېگەندەك چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە مەركەزلىرىدىن 3 يىل ئىچىدە 260 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلارغا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر كادىرلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ قەرەللىك ھالدا يېزىلارغا چۈشۈپ ئىشلەۋاتقانلىقى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى.
رادىيومىز جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىن يېزىلارغا چۈشۈپ ئىشلەۋاتقان كادىرلار ئۆزى چۈشكەن يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن بەزى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يەرلىك كادىرلاردىن پەرقلىق ھالدىكى يۇمشاق مۇئامىلىدە بولۇشى دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەنە بۇ كادىرلار ئۈستىدىن نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە بېرىلىدىغان باھالاشنى شۇ يېزىلاردىكى يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى ياكى يېزا باشلىقىنىڭ يېزىپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىكى خىزمەت ۋە روھى بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.
جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ دېھقانلارنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ دېھقانلارغا قىلغان سىلىق مۇئامىلىسى سەۋەبلىك يەرلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما بۇ خانىم يەنە، يېزىغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ روھى جەھەتتىكى ئېغىر بېسىمنى يېڭىشكە مەجبۇرلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا كادىرلارنى ئەۋەتىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىش، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايوننىڭ ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تۈركۈم-تۈركۈم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى يېزىلارغا چۈشۈرۈش تاكتىكىسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەقسەتكە يېتەلمىگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ، يېزىلارغا كادىر ئەۋەتىشنىڭ ئۈنۈمى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشتىن يىراق بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشكە باشلىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
