«ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» ئوز پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، د ئۇ ق بىر دانە مىنىبۇس سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» دەپ ئىسىم بەرگەن ھەمدە بۇ مىنىبۇسنىڭ 4 ئەتراپىنى رەسىم ۋە شوئارلار بىلەن بېزەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر تەشۋىقات ماشىنىسىغا ئايلاندۇرغان. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» جەريانىدا، بۇ ماشىنا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر جامائىتى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» غا ئېرىشىش، قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى خىزمەت پىلانلىرىنىڭ بىرى بولغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەي كەلگەن. بۇ يىل 4-ئايدا «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى، بۇ تەشۋىقات ماشىنىسى سېتىۋېلىنغان ۋە نامايىشقا ئۈلگۈرتۈپ جىددىي تەييارلانغان.

ئۇنداقتا، «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» نىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، ياۋروپا تۇپراقلىرىدا بۇندىن كېيىن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» نىڭ ئالدى تەرىپىگە قۇرۇلتاينىڭ لوگوسى چۈشۈرۈلگەن. ئوڭ تەرىپىگە «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» دەپ يوغان يېزىلغان خەتتىن سىرت، «ئۇيغۇرلار كىم؟ شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ بۇ كېلەچەكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ماشىنىنىڭ سول تەرىپىگە بولسا؛ ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەندىن باشقا، «بىر مىليون بەختسىز ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرىغا يىغىۋېلىندى»، «ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ياردىمىڭىزغا موھتاج» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرىپىگە «شەرقىي تۈركىستان» زېمىنى كۆرسىتىلگەن ئاسىيا خەرىتىسى رەڭلىك چۈشۈرۈلگەن، شۇنداقلا «خىتاينىڭ بېسىمى توختىتىلىشى كېرەك!» دېگەن شوئاردىن تاشقىرى، «ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك» دېگەن خەت يېزىلغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بولۇپمۇ ياۋروپا بىرلىكى ئالدىدا 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» جەريانىدا، بۇ «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» نىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنى ۋە ياخشى تەسىر قالدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا «ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى» نامىدا تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن گېرمانىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ھازىرلانماقتا ئىكەن.