2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (6)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.12.11
charchash-charchap-charchighan-saqchi.jpeg 48 سائەتلىك چارلاش ھەم نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئورۇنلىرىدا ئۇخلاپ قېلىۋاتقان ساقچىلار.
Social media

1. ئۇيغۇر دىيارىدا ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن ساقچىلار ۋە ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى

خىتاي خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردىن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2017-يىلىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى كۈچىنىڭ 100 مىڭغا يەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن قوراللىق ساقچىلار شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە يەرلىكتىن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ساقچىلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتايئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىدە 2016-يىلى 9-ئايدىن 2017-يىلى 8-ئايغا قەدەر بولغان 11 ئاي ئىچىدە خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك 84 مىڭ خىزمەت ئورنىغا ئېلان بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سانىدىن 50 پىرسەنت كۆپ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خەۋەردە گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئادريان زېنز دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرقى 4 ئېيىدا جەمئىي 30 مىڭ خەۋپسىزلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغانلىقى، ئەمما 2017-يىلى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى جىددىي رەۋىشتە كۆپىيىپ، پەقەت 7 ئاي ئىچىدىلا يېڭىدىن 53 مىڭ خەۋپسىزلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

رادىيومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى 4 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 2017-يىل1-ئايدىن بۇيان زور ساندا ساقچى، ياردەمچى ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جىددىي كۆپەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

1-ئاينىڭ 19-كۈنى چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىن 207 نەپەر ئامانلىق تەكشۈرۈش خادىمى، يەنى «شەھەرگە كىرىشتىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تۇرۇپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغان خادىملار» بىلەن 84 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

2-ئاينىڭ 16-كۈنى كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىيەتتىن 254 نەپەر ياردەمچى ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ 204 نەپىرى يەرلىك مىللەتتىن، 50 نەپىرى خىتايلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە لياۋنىڭ، خېنەن ۋە جياڭسۇ قاتارلىق خىتايدىكى تۆت ئۆلكىدىن يەنە 4 مىڭ خىتاي ساقچىسىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلىرىگە يۆتكەپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ئاتۇشتا 200 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئايلىق مائاشى 5000 سوم بولىدىغانلىقى ۋە كۆپ مىقداردا تولۇقلىما تەمىنات بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىنىڭ 2017-يىلى 8-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى خوڭكوڭدىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزى» 8-مارت كۈنى بىر ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ‏128-دېۋىزىيەسىدىن 1000 نەپەر قوراللىق ساقچىنى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىگە يۆتكىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ خەۋەر دەلىللەنمىدى.

ئۈندىداردىكى «ئۇيغۇر ساقچى» سالۇنىنىڭ 21-مارت كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق ج خ ئىدارىسى «شىنجاڭ ساقچى مەكتىپى» دىن 500 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلارغا ئۈچ ئايلىق مۆھلەت بىلەن ياردەمگە ئەۋەتكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت 6-مارت ئېلان چىقىرىپ، قەشقەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يۇقىرى مائاش بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن 3000 ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

23-ئاپرېل كۈنى قاغىلىق ناھىيىسى «زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن 300 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسەتكەن. ئارقىدىن قەشقەر ۋىلايىتى يۇقىرى مائاش بىلەن 3000 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان.

ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 3-ئاينىڭ 31-كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 500 نەپەر ئەر، 100 نەپەر ئايال بولۇپ، جەمئىي 600 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىيومىز ئاقتۇ ناھىيىسىدىن 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، قوبۇل قىلىنغانلاردىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 9064 يۈەن، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 8886 يۈەن دەپ بەلگىلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا «يىللىق مۇكاپات» دېگەن نامدا 6000-8000 يۈەنگىچە تولۇقلىما، «ئىسسىنىش پۇلى» دېگەن نامدا يىلىغا يەنە 1400 يۈەن، توي قىلمىغانلار ھەقسىز ياتاق ۋە تاماق بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى، توي قىلغانلار ئائىلىسىنى ئېلىپ كەلسە بىر يۈرۈش ھەقسىز ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار ۋەدە قىلىنغان.

ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي 300 نەپەر «تېررورلۇق» قا قارشى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاينىڭ سىچۈەن، شەنشى، خېنەن، گەنسۇ ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇلارغا 6600 يۈەندىن 7300 گىچە يۇقىرى مائاش ۋە بىر يۈرۈشتىن ھەقسىز ئۆي بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 118 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلاردىن پەرقلىق ھالدا، يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ مائاشى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئۇندىن باشقا ياردەمچى ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش ھەققى ۋە باشقا رەسمىيەت پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 110 باش قوماندانلىق مەركىزىگە 120 نەپەر ئوغۇل، 40 نەپەر قىز بولۇپ، جەمئىي 160 نەپەر ساقچى تېلېفونىست قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2017-يىلى 10-ئاۋغۇست كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىمۇ ئېلان چىقىرىپ، 1938 نەپەر ياردەمچى ساقچى ۋە 300 نەپەر «تېررورلۇققا قارشى چارلاش خادىمى» قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلاندا دېيىلىشىچە، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قوبۇل قىلىدىغان «تېررورلۇققا قارشى چارلاش خادىملىرى» نىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 4900 سومدىن 5400 سومغىچە بولىدىكەن. ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئىش ھەققى 2600 سوم دېيىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ 2017-يىلدىكى نوپۇسى 200 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئاتۇشتا ئەسلىدە بار بولغان قوراللىق ساقچى، ئادەتتىكى ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلاردىن سىرت، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەنە 3 قېتىم زور كۆلەمدە ساقچى قوبۇل قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بىر شەھەر ئۈچۈن بىر قېتىمدا 2238 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئىنتايىن زور سان ھېسابلىنىدىكەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ۋە كەلپىن ناھىيەلىرى بۇ يىل 5 -ئاي مەزگىلىدە 250 نەپەردىن ئارتۇق ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل 5-ئاي مەزگىلىدە خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىمۇ 200 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ قوبۇل قىلىنىپ، ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا سەپلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بورتالا ئوبلاستىغا قاراشلىق ئالاتاۋ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 8 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى مائاش بىلەن 144 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. ئالاتاۋ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇشىدا 7 مىڭ يۈەندىن 8 مىڭ يۈەنگىچە يۇقىرى مائاش، ھەقسىز تاماق ۋە ھەقسىز تۇرالغۇ تەمىناتى بىلەن جەمئىي 144 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىقى 144 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ شتاتتىن سىرت توختام بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ يەرلىكتىن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر چىقارغان ئېلاندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلار بىلەن يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار مائاشىدىكى زور پەرق خەلقئارانىڭلا دىققىتىنى قوزغاپ قالماستىن يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ساقچىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يەرلىك ساقچىخانىلىرىغا قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم ياردەمچى ساقچىلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئايدا 1300 يۈەندىن 2800 يۈەنگىچە مائاش ئالىدىغانلىقى، دەم ئالماستىن ئۇدا 48 سائەتتىن ئىشلەپ ھالىدىن كەتكەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا ساقچىلارنى كۆپەيتىش 2017-يىل يىل ئاخىرىدىمۇ داۋاملاشقان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، يەنى بىڭتۇەن دائىرىلىرى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى پولك ۋە مەيدانلىرىغا يەنە 827 نەپەر ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مۇكەممەل بىر ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ باھا بەرگەن.

2. دوقمۇش-دوقمۇشتا قۇرۇلغان ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا تورلاشتۇرۇلغان

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 3-4-ئاي مەزگىلىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر دىيارىدا 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «ئاممىغا قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» نامىدىكى ساقچى قاراۋۇلخانىلىرىنىڭ جىددىي تۈردە قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ 2017-يىلنىڭ 1-پەسلىدە جىددىي كۆپەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

4-ئاينىڭ 27-كۈنى خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2017-يىل كىرگەندىن بۇيان خوتەننىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىكى يېزىلاردا ئەسلىدىكى يېزىلىق ساقچىخانىلار كېڭەيتىلىپ، يېزىدىكى مەركىزى ساقچىخانىنىڭ باشقۇرۇشىدا ھەر بىر كەنتتە بىردىن تارماق ساقچىخانا، ساقچىخانىلارنىڭ ھەممىسىدىلا 10 مېتىردىن ئېگىز ساقچى قاراۋۇلخانىسى قۇرۇلغان. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بۇ يىل 14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن كۈچەيتىلگەن.

ئۇلۇغساي يېزا مەركىزى ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ياردەمچى ساقچى ئۇلۇغساي يېزىسىدىكى مەركىزى ساقچىخانىدىن باشقا يېزىغا قاراشلىق 8 كەنتنىڭ ھەممىسىدىلا تارماق ساقچىخانىلار قۇرۇلغانلىقىنى پەقەت ئۇلۇغساي يېزىسىدىلا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار، ياردەمچى ساقچى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى قوشقاندا 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېزىنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2017-يىل ئىچىدە ئاقتۇ ناھىيىسىدە 68 ساقچى پونكىتىنىڭ تورلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى تورى ئەڭ كۈچەيتىلگەن چېگرا ناھىيىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. گېرمانىيەلىك سىياسىي ئانالىزچى ئاندرېئان زېنز ئۆز ماقالىسىدە ئاقتۇ ناھىيىسىنى تەسۋىرلەپ، «بۇ يەردە مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كۆرۈنۈشىنى كۆرۈش مۇمكىن» دېگەن.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ پىلال ۋە ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە 2016-يىلى 10-ئايدىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيىسىدە جەمئىي 60 ئورۇندا ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق» ساقچى قاراۋۇلخانىسى، 8 ئورۇندا يول ئېغىزىنى تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەر بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىر بولۇپ، ھەر بىر قاراۋۇلخانىدا 25 تىن 35 كېچە ساقچى كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىكەن.

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال ساقچىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئالدىنقى يىللاردا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ساقچى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان خېلى كۆپ خىتاي ساقچىلار خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئاقتۇ ناھىيىسى بۇ يىل 600 نەپەر ساقچىنى يەرلىكتىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نىشانلىق قوبۇل قىلغان.

ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىدىكى مەزكۇر ئايال ساقچى ئاخىرىدا ئاقتۇ ناھىيىسىدە ھازىر مەۋجۇت بولغان 60 ئورۇندىكى ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق» ساقچى قاراۋۇلخانىسى بىلەن 8 ئورۇندىكى يول ئېغىزىنى تەكشۈرۈش پونكىتىدا جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.