دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇر مىللىي دەۋانىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى
2016.11.17
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2016-يىلى 12-نويابىر، گېرمانىيە.
12-نويابىر كۈنى تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 8 دۆلەتتىن ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە د ئۇ ق خىزمەت بىناسىدا ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ لېكسىيەدە، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، تۈركىيەنىڭ ئەھۋالى، ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك پىلان-پروگراممىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى دۇنياغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قەدەم باسقۇچلار، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋا بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ يوللىرى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە پىكىر بايان قىلدى.
بۇ لېكسىيىگە قاتناشقان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى كۈنىدە بولۇپ ئۆتكەن بۇ پائالىيەتكە يۇقىرى باھا بېرىپ، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى د ئۇ ق نىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ھالىغا كەلتۈرۈشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز لېكسىيىسىدە يەنە، ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۇقۇمى ھەققىدە توختىلىپ، مىللىي دەۋادا ئۇقۇم بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش، د ئۇ ق نىڭ غايە، نىشان ۋە ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق بېكىتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينى چوڭقۇر چۈشىنىش، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەقلىي يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئەسكەرتىپ «ئەقىلگە تاقابىل تۇرالايدىغان ھېچقانداق كۈچ يوق. بىز دۈشمىنىمىز خىتايغا باشقا تەرەپلەردە تاقابىل تۇرالمىغان تەقدىردىمۇ، ئەقىل جەھەتتىن مۇتلەق تاقابىل تۇرالايمىز، بەلكى غالىپ كېلىمىز» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىككى سائەتلىك بۇ لېكسىيەدىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپ مەنىۋى ئوزۇق ۋە بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىنى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن د ئۇ ق غا تەقدىم قىلماقچى بولغان 2-باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى ئۈچۈن رەھمەتلەر ئېيتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئىپادە قىلدى.
لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، د ئۇ ق زالىدا مېھمانلار شەرىپىگە زىياپەت بېرىلدى. يىغىن ئەھلى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ لېكسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىشتى.









