قازاقىستان مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.12.05
qazaqistan-mustaqilliq-xatire.jpg ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25-يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 4-دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

12-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەكشەنبە مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25-يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىندا تۈركمەن، تاتار قاتارلىق تۈرك خەلقلەرنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىگە چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا قازاقىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى غالىمجان يېرىمبەتوف، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گۆنگۈر ياۋۇز ئاسلان. نوغاي تۈركلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ۋەيسەل دېمىر، ئافغانىستان تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى باشلىقى فەھمى ئىشق، قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سەركان دېنچتۈرك، تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئەكبەر ياسسا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل قاتارلىق جەمئىيەت رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچى دوكتورلار، ژۇرنالىستلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە خەۋەرلەر تاراتقۇنىڭ 5-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى، ئىسمائىل جېنگىز مۇنداق دېگەن: «قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق تەنتەنىسىگە بىز ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تولۇق قاتنىشىشنى خالىدۇق. چۈنكى بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا مەركىزى رايون بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا بىرلىكى نامىدا كۈچلۈك بىر شەكىلدە تەشكىللىنىشنى مەقسەت قىلماقتا».

يىغىندا يەنە قازاقىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى غالىمجان يېرىمبەتوف سۆز قىلىپ، «قازاقىستاننى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان تۈركىيە دۆلىتىنىڭ يېنىدا بولىمىز، ئىككى دۆلەت جۇمھۇر رەئىسلىرى ناھايىتى ئاكتىپ ھالدا بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ»، دېدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆز قىلىپ، «قازاقىستان بۈيۈك تۈركىستان جۇغراپىيىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك دۆلىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىدا نۇرسۇلتان نازاربايېف مۇھىم رول ئوينىدى، قازاقىستان تۈركىستان چېگرالىرىنى قوغدايدىغان بىر قەلئە»، دېدى. ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆزىدە يەنە، «تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلەنگەنلىكىنى ۋە نازاربايېف، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى»، دېدى.

يىغىندا سۆز قىلغان تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتاي قاراجا سۆز قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئۆتۈش ئۈچۈن ياسايدىغان يىپەك يولى ئۈچۈن تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور قۇتاي قاراجا سۆزىدە يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە خۇسۇسەن خىتايلارنىڭ تىجارەت ھەجمىنىڭ تۈرك دۇنياسى جۇغراپىيىسىدە ئېشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور قاراجا سۆزىدە يەنە قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نازاربايېفنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانى بارلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە بۇ پىلانغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىردىن بىر دۆلەتنىڭ قازاقىستان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكى قازاقىستان باشچىلىقىدا قۇرۇلسا خىتاي ۋە رۇسىيەنى تەرەددۇتتا قويمايدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەر بىرلىكى پىلانىغا تۈركىيەنىڭ مۇمكىن قەدەر ياردەم بېرىشى ئۇلارنى جاسارەتلەندۈرۈشى كېرەك».

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى ئۆمەر قۇل قاتارلىق بىر قانچە كىشى سۆز قىلدى. ئاخىرىدا تۈركىستان پولۇسى ۋە قىمىز بىلەن زىياپەت بېرىلدى.

يىغىندا قازاقىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى غالىمجانغا چىمەن دوپپا ۋە تون چاپان ھەدىيە قىلىندى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز ۋە قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سەركان دېنچتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىسمائىل جېنگىز بۇ يىغىندا ئىراق ۋە سۈرىيە تۈركمەنلىرى شۇنداقلا قىرىم تاتارلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىگە چىقىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمائىل جېنگىز يەنە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا ئىگە چىقىش توغرىدا سۆز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

سەركان دېچنتۈرك بۇ يىغىن توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 25-يىلى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تەبرىكلىنىۋاتىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەنىڭ مەركىزىدە تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى بىلەن ئالاقىدار ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئاكادېمىكلەر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى ۋە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن پۈتۈن تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەيمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.