خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.09.15
uyghurgha-yotkesh-qosh-til.jpg خىتاي خەلق تورىنىڭ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى ئاساسىي قاتلاملىرىغا خىتاي مىقياسىدىن 12 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋىرى.
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان مەجبۇرى يولغا قويۇلۇپ كەلگەن «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقارغان ئىدى. بۇ يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا خىتايچە دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىش قارارى رايوندا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئىگىلەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەكتىكەن. غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىزمەتچى خادىملار بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا غۇلجىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قايتا تەرتىپكە سېلىنىپ، يېڭىدىن بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 2007-يىلدىن بۇيانقى شاللاشلاردىن ئۆتۈپ ئاتالمىش «قوش تىللىق» مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى 40 ياشتىن ئاشقان بىر تۈركۈم تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار «خىتايچە ئوقۇتۇش ئېھتىياجىدىن چىقالمايدۇ» دېگەن باھانىدە خىزمىتىدىن توختىتىلغان. ئۇلارنىڭ ئورنىغا «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» نامىدا يېڭىدىن بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىنغان.


ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىنلا 40 ياشتىن ئاشقان 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇلار «خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەن سەۋەب بىلەن پېنسىيە يېشىدىن ئىلگىرىلا خىزمىتىدىن توختىتىلغان. خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدە «خىتاي تىلىدا قايتا تەربىيىلەش» كۇرسلىرىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەرنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ مەۋسۇم مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شاللىنىشى ۋە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل بۇ خىتاي خادىمى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىدا تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن، سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ يەنىلا ئەسلىدىكى مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«مەن كادىرلار بۆلۈمىدە ئىشلەيمەن، بىز ئوقۇتقۇچىلارغا ئائىت مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل. ھەقىقەتەن سىز تىلغا ئالغان بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا ئالماشتۇرۇۋېتىلگىنى يوق. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئاۋۋال خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، يازلىق تەتىلدە خىتاي تىلىدا قايتا تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا تەربىيىلەندى. مەكتەپلەردە يەنىلا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ. پەقەت بىر تۈركۈم خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ئوقۇتقۇچىلار دەرس مۇنبىرىدىن قالدۇرۇلدى.»

ئەمما غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ خىتاي خادىمى «خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەن باھانىدە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

«بۇ ھەقتىكى كونكرېت ئەھۋاللارنىڭ زادى قانداق بولغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. چۈنكى مەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى بېكىتىش دېگەندەك مەسىلىلەرگە مەسئۇل. بۇنداق مەسىلىلەرنى سورىسىڭىز مەنمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن.»

ئۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا «غۇلجا شەھىرى بىلەن غۇلجا ناھىيىسىگە كەلگەنلەر قانچىلىك؟» دېگەن سوئالىمىزغىمۇ بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى. 

«بىز ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن ‹ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى› قوبۇل قىلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلدى، ئەمما يەرلىكتىنمۇ خىتاي تىلى سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ ئوقۇتقۇچىلار خىتاي ئورتاق تىلىنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلاردىنمۇ ياخشى سۆزلەيدۇ. مەن ھازىر يېڭى قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمەن. بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن زادى قانچىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتىم يوق ئىكەن. خاپا بولمايسىز، بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيمەن.»

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلىرىدە 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۇقىرى مائاش بېرىش شەرتى بىلەن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن 60 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئاساس قىلىپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئاتالمىش يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىمتىھان ئۇچۇرى تور بېكىتىنىڭ 2017-يىل 15-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلەرگە ئوقۇتقۇچىلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ تەپسىلىي سانى بېرىلگەن بولۇپ،  خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە، 19مىڭ 182 نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. 

خىتاي ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىمتىھان ئۇچۇرى تورىنىڭ بۇ يىل 31-ئىيۇلدىكى بىر خەۋىرىدە يەنە 2017-يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا خىتايچە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن غۇلجا ناھىيىسىگە 1331 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 1985-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى، سىياسىي ساپاسى لاياقەتلىك، دۆلەتنى سۆيىدىغان، كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىدىغان، مائارىپ خىزمىتىدە پىداكارلىق روھىنى بېغىشلىيالايدىغان شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.