«ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامال ۋە تەقىب رايوندىكى ھەممە خەلق ئۈچۈن ئوخشاشلا چىدىغۇسىز»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.09.11
meschit-nazaret-tekshurush-aparat.jpg ئۇيغۇر ئېلىدا كوچا، مەھەللە ۋە مەسچىتلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن بۇلۇڭ پۇچقاقلارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىب ۋە قامالنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن پەن-تېخنىكىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق تەدبىرلىرى يالغۇز رايوندىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتايلارغىمۇ بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق قامال سىستېمىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇنى رايوندىكى ئاھالىلەرنى تەقىب قىلىش، كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 5-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق قامال سىستېمىسى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرىنى سىناق قىلىدىغان «سىناق مەيدانى» غا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارالىق يەرمەنكە مەركىزىدە «4-نۆۋەتلىك خىتاي ياۋرۇ-ئاسىيا بىخەتەرلىك كۆرگەزمىسى» ئېچىغان. ئۇنىڭدا تۈرلۈك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر، بولۇپمۇ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىخەتەرلىك كامېرالىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ماشىنا ئادەملەر كۆرگەزمە قىلىنغان. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى شېنجىن شەھىرىدە ئېچىلىپ كېلىۋاتقان بۇ يەرمەنكە ئورنىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بۇ تۈردىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق قامال سىستېمىسىنى سىناق قىلىدىغان مەيدانغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. 

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يۇقىرىدىكىلەردىن سىرت يەنە كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىدىكى ئاتالمىش زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تازىلايدىغان ئەپلەرنى ياساپ چىقىپ، ھەر بىر كىشىدىن بۇ ئەپنى تېلېفونىغا چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاپتوموبىللارغا سىگنال بېرىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، 2016-يىلى ساقچى ئورگانلىرى، قاتناش-ترانسپورت، سوت ۋە بانكا قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق ئورۇننىڭ پۇقرالار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئارا ئورتاقلىشىدىغان زور بىر سىستېما شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كېلىشكەنلىكى بايان قىلىنغان. 

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋەن خەيچۈننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خامچوت ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە «بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر تېخنىكا قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دوكلاتىدا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سىيسىي كونتروللۇق ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. 

گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل تەقىب سىستېمىسىنىڭ سابىق شەرقىي گېرمانىيە دەۋرىدىكى يۇقىرى بېسىملىق تەقىب سىستېمىسىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى: 

«ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ساقچى دۆلىتى تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلىنغان سابىق شەرقىي گېرمانىيەگە ئوخشاپ قالىدۇ. سابىق شەرقىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ كىشىلەرنى ‹بېرلىن تېمى› ۋە شۇنىڭدەك غەرب چېگرالىرىدىن ئۇزاق تۇتۇش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق خەۋپسىزلىك ۋە تەقىب سىستېمىلىرىنى قۇرغان. ئەلۋەتتە، بۇ دۆلەت ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىمۇ دەل شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەر سىرتقا چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەنچە پەقەتلا ئۇيغۇرلار ئەمەس، خىتايلارمۇ ئۇ يەردىن كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەتتا نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ كېلىۋاتقان خىتايلارمۇ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەنچە، بۇنداق قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ يەردىكى خىتايلاردىمۇ ئوخشاش ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ. مەنچە بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال.» 

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب تۈرلىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ يېقىندا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا سىياسىي ساپانى ئۆستۈرگەندىن باشقا، يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئىستىخبارات ساھەسىدىكى يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ئىدى.  

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋسكى سۆزىدە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ توغرا بىر تەدبىر ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىلدى، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر تۈگىنى، شۇنداقلا ياۋرۇ-ئاسىياغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە، خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بولماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇرلار رايوندا ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە سالاھىيەت جەھەتتىمۇ تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ئېلىۋاتقان بۇنداق تەدبىرلەر مەسىلىگە توغرا جاۋاب بولالامدۇ؟ مەنچە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تۈگىتىشنىڭ چارىسى ئەمەس. بۇ، ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ توغرا بىر ئۇسۇل ئەمەس.» 

ئادرىيان زېنز ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈنمۇ زور بىر توسالغۇلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:«دەرۋەقە، بۇ رايوننى ئېغىر دەرىجىدە مالىيە ياردىمىگە بېقىندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى. چۈنكى بۇنداق تەدبىرلەر ئىقتىساد ئۈچۈنمۇ پايدىسىز. چۈنكى بۇنداق تەدبىرلەر سەۋەبىدىن تىجارەتكە كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزىرايدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدا بىر شىركەت ئاچقاندا بىخەتەرلىك كامېراسى، بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى دېگەندەك نۇرغۇن بىخەتەرلىك شەرتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر شىركەتنى ئېچىش ئۈچۈن كېتىدىغان مالىيە ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ ئۆزىگە مالىيە يۈكى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە خىتاي بۇنىڭغا رازى بولغان مۇددەتكىچە ھۆكۈمەتكە ھېچنېمە بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ يەردىكى خەلق ئۈچۈن بولسا ھايات چىدىغۇسىز دەرىجىگە يېتىپ قالىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.