بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كورلا شەھەر ۋە ئەتراپتىكى ناھىيىلەردە ئۈچ قېتىملىق چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان.
7-ئاينىڭ 24-كۈنى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەلق مەيدانىدا نەچچە مىڭ ئاممىنىڭ قاتنىشى بىلەن 12نەپەر ئۇيغۇرغا سوت ئېچىلغان. بۇ ئۇيغۇرلار لوپنۇر ۋە قارا شەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزا، كەنتلەردە ياشايدىغان 19 ياشلار ئەتراپىدىكى بالىلار بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇلارنى ئاساسلىق ئۆيىدە چېنىقىش سايمانلىرى بايقالغان، ھىجابىنى ئالمىغان، كومپيۇتېرلىرىدا دىنغا دائىر فىلىم، تەبلىق ساقلىغان، دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، كورلىدا 7-ئاينىڭ باشلىرىدا 15نەپەر ئۇيغۇرغا بۇ قېتمىغا ئوخشاش سوت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 3نەپىرى ئايال ئىكەن. ئۇلارغىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش جىنايەتلەر ئارتىلغان، سوتتا ئۇلارنىڭ ئالدىغا 7 يىللىق، كەينىگە 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىلدىكى يىغىنلارغا تۆۋەنگە چۈشكەن ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، ناھىيە-كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى،ھەر قايسى ئىدارە-ئورگاندىكى مىللىي كادىرلار، مىللىي ئىشچى -خىزمەتچىلەر، ھەر قايسى مەسچىت ئىماملىرى، مەسچىت ئىدارە ھەيئەتلىرى ۋە يېزا -كەنتلەردىكى نۇقتىلىق تەكشۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالدىن خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان.
كورلىدىكى يۇقىرىدىكى ئىشلاردىن خەۋىرى بار، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يىگىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل سوت يىغىنلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىغا قورقۇنچ سېلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە قىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتى ئىكەن.
شۋېتىسيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت كورلىدا ئېلىپ ئېچىلغان جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا قارىتا كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرقى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتىدە ئەدلىيە تاماقلىرىمۇ زەربە بېرىش سىياسىتىنىڭ تارمىقىغا ئايلانغان» دەپ كۆرسەتتى.