بىر رۇس تىللىق ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چارلاپ يۈرگەن ساقچىلاردىن باشقا ھېچكىم يوق كوچىلار. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، پەيزىۋات.
چارلاپ يۈرگەن ساقچىلاردىن باشقا ھېچكىم يوق كوچىلار. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، پەيزىۋات.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىش، چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ رايونغا بېرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارماقتا. بىراق، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ مۇخبىرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت ۋە بېسىم سىياسىتى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان ئىدى.

يېقىندا، لاتۋىيەدىن  رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا تارقىتىلىدىغان  «مېدۇزا» ناملىق تور گزېىتىدا ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىسىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ماقالىگە بېرىلگەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتە ماقالە ئاپتورىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ بىخەتەرلىك سەۋەبى بىلەن ئاشكارىلانمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر ماقالە، ئاپتورنىڭ بۇندىن 15 يىل ئاۋۋال قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا كۆرگەنلىرى بىلەن بۇ يىلقى زىيارىتى داۋامىدىكى ئۆزگىرىشلەر سېلىشتۇرۇلغان ئاساستا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخى، رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانلىرى قاتارلىق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇندىن 15 يىل ئاۋۋال تۇنجى قېتىم قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا كۆرگەن قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ قانداقلىقىنى تەپسىلىي ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:
«مەن بۇ يەردە ئىككى كۈن ئايلىنىپلا، ئۇلارنىڭ (خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ) بۇزماقچى بولۇۋاتقىنىنىڭ پەقەت ئادەتتىكى بىر توپا تام بولماستىن، بەلكى قەشقەرنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەلقنى سىرتتىكىلەردىن قوغداپ تۇرىدىغان بىر قەدىمى شەھەر قەلئەسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدىم. قەدىمىي شەھەردە كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ۋاقىت چۈشەنچىسى بويىچە ياشايتتى. بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە ئىشلەيدىغان خىتايلار كەچلىك ئۇيقۇسىغا ياتقاندا، قەدىمىي شەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تېخى ئەمدى كەچلىك تامىقىغا ئولتۇراتتى. . . . ھېيتگاھ مەسچىتىدىن چىققان جامائەت مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى تار كوچىلارنى بويلاپ ئاستا-ئاستا تارقىلاتتى. ئالدىرىمايدىغان كىشىلەر شۇ ئەتراپتىكى ئۈستەللەردە ئولتۇرۇشاتتى، بەزىلىرى مەززىلىك تونۇر نېنى پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان كەچلىك بازارغا يۈرۈپ كېتەتتى. كوچىلاردا كەڭ ئىشتان ۋە ئۆتەك كىيىپ، يېڭىسار پىچىقىنى ئۇزۇن قىلىپ ئېسىۋالىدىغان ئۇزۇن بۇرۇتلۇق ئەرلەر، قاشلىرىغا ئوسما قويغان ئاياللار. . . بازارغا قويلىرىنى، گىلەملىرىنى ئەكېلىپ سېتىۋاتقان ئادەملەر، كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان قۇرۇتۇلغان كەسلەنچۈك ۋە يىلان، كوچىلاردا خېرىدارلىرىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋاتقان ساتىراشلار. . . قىسقىسى، سىز 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە كەلگىنىڭىزدە ئۆزىڭىزنى خۇددى ‹مىڭ بىر كېچە› رومانىدىكى ۋەقەلىكلەر ئىچىدە بولغاندەكلا ھېس قىلاتتىڭىز. ئەمما زامانىۋى ھايات ھەر تەرەپتىن قورشاپ كېلىۋاتاتتى. بۇرۇن شەھەر سىرتىغا سېلىنغان خىتاي مەھەللىرى ئەمدى بارغانسېرى كېڭىيىپ قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئورىۋالغان ئىدى. مەن ھىلال ئايلار بىلەن بېزەلگەن مەسچىتلەر جايلاشقان يۈزلىگەن كوچىلارنى ئارىلاپ يۈرگىنىمدە، بۇ مەنزىرىلەرنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. . .»

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ، 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە باشقا ۋەقەلەر يۈز بەرگەن مەزگىللەردە قەشقەرگە ساياھەتكە بېرىپ-كېلىپ تۇرۇۋاتقان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سوئال سوراقسىز ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان. بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاخىرى قەشقەرگە قايتا بېرىشنى قارار قىلغان. ئۇ ئاپتوموبىل بىلەن قىرغىزىستان-خىتاي چېگراسى ئارقىلىق قەشقەرگە بارغان بولۇپ، ئۇ ئاپتوموبىل خىتاي چېگراسىغا كەلگەندە جەمئىي 26 سائەت داۋام قىلغان تەكشۈرۈش، سۈرەتكە تارتىش ۋە ئاختۇرۇلۇشتىن كېيىن ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېگرادىن ئۆتكەن. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىچىگە «جىڭۋاڭ» دەيدىغان جاسۇسلۇق ئەپىنى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، ئۇ بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا مۇشۇنداق بىر ئەپنى قاچىلاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ گەپكە ئىشەنمىگەن ئىكەن. ئۇ چېگرادا بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن ۋە چېگرا ساقچىسى دىققەت قىلمىغان بىر پەيتنى تاللاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قول تېلېفونىنى يوشۇرۇپ قالغان.

ئاپتور چېگرادىن ئۆتۈپ قەشقەرگە ماڭىدىغان يولدا سان-ساناقسىز كامېرالار، تەكشۈرۈش بېكەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەلمەي قالغان. ئۇ ئاخىرى ئۆزى 15 يىل ئاۋۋال كۆرگەن قەدىمىي شەھەر رايونىغا يېتىپ كەلگىنىدە، بۇ يەرنىڭ ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ، ئۆزىگە خاس بولغان روھىنى يوقاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:
«قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، تار ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئەسلىدە بەك قېيىن بىر ئىش. مەن يىللاردىن بېرى مۇشۇ قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن خىتاي شەھەر پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ بۇ يەرنى زادى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىدىم. ئەمما كەلگىنىمدە ئۇ قاراڭغۇ مەھەللىلەر، كونا تاملار ۋە توپىدىن ياسالغان مەسچىتلەر غايىب بولغان ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ قەۋەتلىك بىنالىرى سېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەر خۇددى بىر دىسنىي باغچىسىغىلا ئوخشىتىپ قويۇلغان ئىدى. خىتايلار بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ پەقەتلا كۆرۈنۈشلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان ئىكەن. قەدىمىي شەھەرنىڭ تار كوچىلىرى ئەمدىلىكتە كەڭلەپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ياكى بىر قوراللىق ئاپتوموبىل ئاسانلا كىرەلەيدىغان بولۇپ قالغان، ھەربىر ئۆيگە تۇرۇبا سۈيى بېكىتىلىپ، يۇندا بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. ئەمما خۇددى گازلىق ئوچاق بېكىتىلگەن ئاشخانىلاردا ئوتۇن ئىسىنىڭ پۇرىقى قالمىغاندەك بۇ شەھەرنىڭ روھىي ئۆلگەن ئىدى. . . بۇ يەردىكى ئەڭ زور يوقىتىش قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى ئىدى. كوچىلاردىكى ھۈنەرۋەنلەر، موزدوزلار پۈتۈنلەي يوقالغان، گىلەمچىلەر، باققاللار، تاكسىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئېشەك ھارۋىلىرى ھەممىسى غايىب بولغان ئىدى. . . گۈللۈك كوچىدا ئولتۇرغان بىر قانچە كىشى تىزىپ قويغاندەك پىيالىدە چاي ئىچىپ ئولتۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەسلى ھالىتى يوقىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە چاي ئىچىپ ئولتۇرغانلارنى رەسىمگە تارتىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىدى. . ..»

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئاخىرى بۇ نۇقتىغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى يېتەرلىك دىققەتكە ئېرىشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق ئىدى. مەيلى بىزنىڭ ئورگىنىمىز ۋە ياكى ھەرقايسى مۇخبىرلار بولسۇن ۋ ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسۇن بىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەپ كەلدۇق. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى. بىز نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تىلى، مىللىي كىملىكى، مەدەنىيەت-سەنئەت ئەركىنلىكى، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق. مانا مۇشۇلارغا قۇلاق سېلىنمىغاچقا بىز ھازىر بۇ زىيانكەشلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا، يەنى ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا، ئۆز مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشىدەك بىر ئاقىۋەتنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز» دېدى.

قەشقەرنى زىيارەت قىلغان مەزكۇر ساياھەتچى ماقالىسىدە يەنە، قەشقەردىكى ئوچۇق ئاشخانىلاردا تاماق ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئاشپەز ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت رۇخسەت بەرگەن كىشىلەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان سېرىق رەڭلىك لاتا بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، چېگرادىن قەشقەرگە كىرىدىغان يولدىكى ھەر 15-20 كىلومېتىرغا ئورۇنلاشقان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ناھايىتى ئېغىر پولات توسۇقلار بىلەن توسۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇ توسۇقلارنىڭ بىر تانكىنىمۇ توسىيالىغۇدەك دەرىجىدە چوڭ ۋە ئېغىرلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ تەكشۈرۈش بېكەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىللارنىڭ ناھايىتى قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈلۈپ يۈزلىرى سىكانىرغا ئېلىنىپ، قول تېلېفونلىرى تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرگەن. تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانلار ئىچىدە پەقەت ياشانغان ئۇيغۇرلارنىڭلا بۇرۇتى بارلىقى، قەشقەردىكى تەكشۈرۈش بېكەتلىرىدە خىتاي ساقچىغىلا ئاپتومات بېرىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ساقچى ۋە ياردەمچىلىرىگە پەقەت كالتەك-توقماق بېرىلىدىغانلىقىمۇ ئۇنىڭ دىققىتىدىن ساقىت بولمىغان. ئۇ ئۆزى 15 يىل ئاۋۋال كەلگەندە كۆرگەن مەسچىتلەرنىڭ مانا ئەمدى تاقالغانلىقىنى، كوچا-كويلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ھەممە يەرنى كامېرا قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە: «قەشقەردە پەقەت قەدىمىي ماددىي مەدەنىيەت يوق قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى تارىخنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزگەرتىلىپتۇ» دەپ يازغان.

مەزكۇر ساياھەتچى بۇ قېتىملىق زىيارىتى داۋامىدا بىر ئۇيغۇر بالا بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇ بالا ئۇنىڭغا قەشقەردە دائىرىلەرنىڭ 2009-يىلىدىن بۇرۇن نەشر قىلىنغان پۈتۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ يىغىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق دۆلەت قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقتىن، بۇنىڭ تەسىرلىرىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن رادىيومىزغا قايتۇرغان جاۋابىدا، ئەگەر بۇزغۇنچىلىق مۇشۇنداقلا داۋام قىلىدىغان بولسا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كېلەچىكىگە ئۈمىدۋار قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيەدە ئوقۇرمەنلىرى كۆپ «مېدۇزا» تور گېزىتىدە  ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالە ئالدى بىلەن رۇس تىلىدا تارقىتىلغان بولۇپ، ئارقىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىغا سۇنۇلغان.

ماقالە ئاپتورى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ھەر تەرەپتىن ئۇچراۋاتقان بېسىملارنىڭ غەربلىك يازغۇچى جورج ئورۋېل تەرىپىدىن يېزىلغان، مۇتلەق كونتروللۇق ئىشقا ئاشۇرغان «ئورۋېل دۆلىتى» تەسۋىرلەنگەن فانتازىيەلىك ئەسەردىكى ئەھۋالدىنمۇ بەك ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتكۈل بىر ئۇيغۇر رايونىنى بىر «زور كۆلەملىك لاگېر» غا ئوخشاتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت