ئامېرىكىلىق ساياھەتچى: «ئەگەر خىتاي ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالسا، دۇنيا قاراڭغۇلۇققا تولغۇدەك»

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.06
Qeshqer-konaSheher-oyler.jpg قەشقەر كوچا مەھەللىلىرى. 2007-يىلى ياز.
Oqurmen teminligen

ئالدىنقى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسى، يەنى خىتايلار «گاۋ تەي مىن جۈ» (高台民居) دەپ ئاتىۋالغان جايدا ئىككى كۈن ساياھەتتە بولغان بىر چەتئەللىك ساياھەتچىنىڭ شۇ يەردە ئۆز-كۆزى بىلەن كۆرگەن مەنزىرىلىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلىغان ئىدىڭلار، بۈگۈن شۇنىڭ داۋامى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مەزكۇر چەتئەللىك ساياھەتچى زىيارەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ قەشقەردىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى، تۇرپانغىمۇ ساياھەتكە بارغانلىقىنى ھەم شۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قەشقەر شەھىرىدە مەن بىردىنبىر ھېس قىلغىنىم چوڭ مەيداندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى بار ئىكەن، مۇشۇنىڭدىنلا قەشقەر شەھىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىلىپ ياسالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە قەدەمدە بىر تەكشۈرۈش پونكىتى بار ئىكەن. ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە ئۇيغۇر بىلەن خىتايغا ئوخشىمايدىغان مۇئامىلە تۇتىدىكەن. مەن بۇ جايلاردا ساياھەت قىلغان مەزگىلىمدە ناتوغرا بىر ۋەزىيەتنىڭ ھەممە يەرنى قاپلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ھېچكىم بۇ توغرىسىدا گەپ قىلالمايدىكەن ھەم مۇشۇ ئىشلارغا چېتىلىپ قېلىشنىمۇ خالىمايدىكەن».

بىز ئۇ ساياھەتچىدىن قەشقەر شەھىرىدە مەخسۇس ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ كۆپ جايلارنىڭ ساياھەت ئورنى ئىكەنلىكى، چەكلىمە بولغان تەقدىردىمۇ، بەك ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيتىپ ئۆتتى: «ماڭا نىسبەتەن بىردىنبىر نورمال ساياھەت دائىرىسىدىن چىقىپ كۆرۈپ كەلگەن جاي بولسا شۇ قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسى، يەنى «گاۋ تەي مىن جۈ» (高台民居) دېگەن يەردۇر. مەن ئويلىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يادىكارلىقلىرى ھېسابلىنىدىغان مۇھىت شۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى بىلەن تەڭلا غايىب بولغان ئىدى،»

زىيارەت داۋامىدا بىز ئۇنىڭدىن قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىگە قايتا بېرىش خىيالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىدىن بۇنداق بىر سوئالنىڭ سورالغىنىدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەگەر سىزنىڭ كۆزىڭىز ناھايىتى ئۆتكۈر بولسا، كىشىلەردىن مۇۋاپىق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىقلا شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارنى بىلەلەيسىز. ئەكسىچە سىزنىڭ كۆزىڭىز ئۆتكۈر بولمىسا ياكى پەقەت ئۇ يەرگە ساياھەت مەقسىتىدىلا بارغان بولسىڭىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزگە كۆرسەتكەن ھەربىر كۆرۈنۈشىگە ئالدىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى بەختلىك ۋە تىنچ مۇھىتتا ياشاۋاتىدۇ، دېگەننى كۆرسىتىشتە ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ بىر رېئاللىق».

چەتئەللىك ساياھەتچىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولغان بىر نۇقتا شۇكى، قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، خۇددى ئامېرىكىدىكى «دىسنېي باغچىسى» دەك ئىكەن.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: «قەشقەردىكى ھەقىقىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ. ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقىي يوسۇندىكى ‹ئېتنىك تازىلاش› قا دۇچ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ بەك ئېغىر مەسىلە. شۇڭا ئەگەر سىز ئۇ يەرگە پەقەتلا ساياھەتچى سۈپىتىدە بارسىڭىز، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن قايمۇقۇپ قېلىشىڭىز ئېنىق».

مەزكۇر چەتئەللىك بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز جەريانىدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئەگەر خىتاي مەلۇم بىر كۈنلەرگە كەلگەندە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالسا، خەلقئارادا قانداق بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن چىقىش قىلىپ، بۇ نۇقتىدا ئۆز كۆز-قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي كۈچلىنىپ كەتكەندە «دۇنيانى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كېتىشى مۇمكىنلىكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن گەرچە خىتاي تەتقىقاتچىسى بولمىساممۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك خەلقنى كونترول قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئەڭ نورمال بولغان كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە خەلقلەرگە بولغان ئەڭ ئاددىي بولغان ھۆرمەتكىمۇ ئېتىبارسىز قاراش قاتارلىقلارنىڭ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىشىدىن قورقىمەن».

ئۇ يەنە سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىنىڭ ھەتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىچە سوزۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئۇ، دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىشى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئېغىز ئاچقۇزمايۋاتىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەر ۋە ئورگانلارنى كونترول قىلىشى قاراڭغۇلۇققا تولغان بىر دۇنيانى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ،» دېدى.

زىيارەت ئاخىرىدا مەزكۇر ساياھەتچى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كۈلپەتلىرى ھەققىدە دۇنياغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق بايان قىلدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە چىنلىقنى يوشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كونا ھەم سىمۋوللۇق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغان بىر جاي بولۇپ، ئۇ يەرگە بارغاندىلا شۇ تىپىك جاينىڭ قانداق سىستېمىلىق پارچىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر قىسىمدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ چىنلىقنى يوشۇرسۇن، بۇ بىر ئالدىن پىلانلانغان ۋە تىغ ئۇچى مەركەزلىشىپ بولغان مەدەنىيەت ۋە خەلقنى پارچىلاش ھەرىكىتى،»

ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆز-كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر چەتئەللىك ساياھەتچىنىڭ گۇۋاھلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلىي پروگراممىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.