ئۇيغۇر ئېلىدا ۋىلايەتلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

كېيىنكى يىللاردا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋىلايەتلەرنىڭ ئورنىغا شەھەرلەر تەسىس قىلىنىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى ئىلى ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى ھەمدە قۇمۇل ۋىلايەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن «پىلانلىق تۇغۇت»،«قوش تىللىق مائارىپ»، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش»، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش قاتارلىقلاردىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ھوقۇقسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنغان قەدەم قاتارىدا باھالىماقتا.

قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شەمشىدىن ئابدۇرېھىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىللە كۆپلىگەن بىڭتۇەن شەھەرلىرىنى بەرپا قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىڭتۇەن شەھەرلىرىنى كۆپلەپ تەسىس قىلىشتىكى تۈپ مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنى ھوقۇقسىزلاندۇرۇش ۋە يەر ئاستى-ئۈستى بايلىقلىرىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غۇجامبەردى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تاكتىكىسىغا قارىتا تارىخى نۇقتىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرلىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلار ۋىلايەتتىن ئىبارەت مەمۇرى بىرلىك شەكلىنى قوللىنىپ كەلگەن. ۋىلايەتلەرنى ئۇيغۇر مىللىي دۆلەتچىلىكىنىڭ سىمۋولى دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرلىرى بىرىنچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، ئىككىنچىدىن مۇشۇنداق باھانە- سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ھوقۇقسىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ ھېسابلايمەن.»

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىللە چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن قىرغىزىستاننىڭ قارا بالتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجىمۇرات ھاشىموف: «خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئازغىنە ھوقۇقلارنىمۇ تارتىۋېلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقان بولسا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كېلىشىگىمۇ يول قويمايۋاتىدۇ» دېدى.