خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھېجابلىق، يۈزىنى ياپقان مۇسلىمەلەرنى ئېتىقادىدىن ياندۇرۇش، يۈزىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلغان چەكلەش ھەرىكەتلىرى جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلاملىرىدا، تۈرلۈك يوسۇندا داۋام قىلماقتا.
يۈزىنى ياپقان قىز، ئاياللارنىڭ ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش، مەمۇرىي ئىش بېجىرىشىنى چەكلەش ھەتتا دوختۇرخانا، كۇتۇپخانا، گاز پونكىتلىرىنىڭمۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى چەكلەشكە ئوخشاش قانۇنسىز ئۇقتۇرۇش ۋە بۇيرۇقلار، قاراتمىلىق چەكلىمىلەر بارغانچە كۈچەيمەكتە، يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىنى ياپقانلىقى ئۈچۈنلا ئىجارە ئۆيلەردىن قوغلانماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر بىز تورى ئاشكارىلىغان رەسىملىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەر تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولى مەھەللە ئىش باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى شەھەرلىك فار فۇر زاۋۇتى ئاھالىلەر رايونىدىكى 38-بىنا 303-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئارزۇگۈل مەمەت، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىش بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك فار فۇر زاۋۇتى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش پونكىتى ئۇنىڭ ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىنى پېچەتلىگەن ۋە ئۇنى 3 كۈن ئىچىدە ئۆينى بىكارلاشقا مەجبۇرلىغان.
ئۈرۈمچى فار فۇر زاۋۇتى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆي ئىجارە بەرمەسلىك ھەققىدە قانۇنىي ھۆججەت ياكى ئۇقتۇرۇش بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق:
-فار فۇر زاۋۇتى ئاھالىلەر رايونى ئىجارە ئۆي باشقۇرۇش پونكىتىمۇ؟
-ھە، بۇ مەھەللە ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى.
-سىلەر،مەھەللىدە ئارزۇگۈل مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال يۈزىنى ياپقانلىقى ئۈچۈن ئىجارە ئۆيىنى پېچەتلىدىڭلارمۇ؟
-ھە شۇنداق، نېمە بولدى؟
-سىلەرنىڭ مەھەللىدە ياكى رايوندا مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆي ئىجارىگە بېرىلمەيدۇ دەيدىغان بىرەر بەلگىلىمە بارمۇ؟
-بۇنداق بىر بەلگىلىمە ياكى قانۇن يوقلۇقى -يوق، ئەمما بىزنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا ئوخشاش مۇشۇنداق باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ، يۈزىنى ياپمىسۇن دېگەن گەپ، ئۇلار يۈزىنى پۈتۈنلەي يېپىۋالسا، بىز ئۆي تەكشۈرۈپ كىرگەندە ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرمىسەك، كىملىك ھۆججەتلىرىدىكى رەسىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرەلمىسەك، خىزمىتىمىزنى قانداق ئېلىپ بارىمىز؟ قانداق باشقۇرىمىز؟ كىمنىڭ كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى قانداق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، ئاۋازغا قاراپلا تونۇغىلى بولمايدۇ-دە؟ بۇمۇ ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن.
-ئۇنداقتا، ئۇلار يۈزىنى ئېچىشنى خالىمىسا قانداق قىلىسىلەر؟
-ياق،يۈزىنى ئېچىشى كېرەك، بولمىسا بۇنداق بەلگىلىمە يۈرگۈزۈلمەيدىغان باشقا جايغا كەت دەيمىز.
-سىلەر كۈندە ئۆيگە كىرىپ ئاھالىلەرنى تەكشۈرەمسىلەر؟
-ھەر كۈنى شۇنداق تەكشۈرىدىغان گەپ، بولمىسا بىز بۇ يەردە نېمە قىلىمىز.
-ئۆي تەكشۈرۈشكە ئايال خىزمەتچىلەرنى ئەۋەتسەڭلارلا مەسىلە ھەل بولمىدىمۇ.
-دېگىنىڭ توغرا، بۇ يەردە ئايال ياكى ئەر خىزمەتچى دەپ ئايرىمايمىز، ھەر بىرىمىزنىڭ تەكشۈرۈش ھۆددىگە بېرىلگەن رايونى بولىدۇ، شۇ دائىرىدە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بولىدۇ. قانداق ھەل قىلىپ بولغىلى بولسۇن. ھەر يەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق باشقۇرۇش نىزامى بولىدۇ. بىلىمەن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، لېكىن ئۇلار پۈتۈن يۈزىنى يېپىۋالماسلىقى كېرەكتە، ياپ ياش تۇرۇپ ئۇنداق قىلماي يۈزىنى چىرايلىق ئېچىۋەتسە بولمىدىمۇ.
-چوقۇم يۈزىنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ.
-ئەلۋەتتە، چوقۇم ئېچىۋېتىش كېرەك، ئۆيدە ئارتىۋالسا مەيلى، تېشىغا چىققاندا ئېچىۋېتىشى كېرەكتە. بۇ يەردىكى باشقۇرۇش تۈزۈمىمىز شۇ، يۈزۈڭنى ئاچ، ئېچىۋېتىشكە ئۇنىمىساڭ يۇرتۇڭغا قايت.
-مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياد ئادەملەردىن يوشۇرۇپ ياپىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟
-بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ئەمەس، ئۆرپ-ئادىتى بۇ. مەن بىلىدىغان نۇرغۇن ئاخۇنۇم مەسچىت ئىماملىرىنىڭ ئاياللىرىمۇ ئارتمايدىغۇ، مەسىلەن، تۇڭگانلارمۇ مۇسۇلمان، ئۇلار ھېيت بايراملىرىدا ئانچە-مۇنچە ياغلىق ئارتىپ قويىدۇ، يۈزىنى ئورىۋالمايدىغۇ؟
-بۇ خىل باشقۇرۇش تەدبىرى قاچاندىن باشلاپ يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ؟
-ئىيۇلدىن كېيىنكى مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، شۇنداققۇ.
-ئۇنداقتا ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى سەۋەبلىك باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتىڭلارمۇ؟
-ھە شۇنداق، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارىمىز، بىزنىڭ بۇ يەر چىڭ باشقۇرۇلمىسا بولمايدىغان جاي، يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش شۇ، رايوندا يۈز ياپىدىغانلار بولسا بولمايدۇ، بولسا چوقۇم باشقۇرۇپ تۈگىتىسەن.
-شۇڭا ھېچنېمىنى ھېسابقا ئالماي ۋەزىپىنى قىلچە رەھىم قىلماي يۈرگۈزىدىكەنسىلەردە؟
-بىز بۇ خىزمەتتە ئادەمگەرچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك قىلساق، بىزنىمۇ باشقۇرىدىغان تەشكىل بار، ئۇلار بىزگە ئىنسانپەرۋەرلىك قىلمايدۇ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندالمىساڭ ئورۇندايدىغانلارنى ئورنۇڭغا ئېلىپ كېلىمىز دەيدۇ، ھەر يىلى شۇنچە كۆپ ياش مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرسا، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمىسەك ئىشلەيدىغانلار جىق. بۇ تۈزۈمنى مەن چىقارمىغان، مەن پەقەت خىزمەت ۋەزىپەمنى ئورۇنلىسام بولدى، باشقا پىكىر بولسا تۈزۈمنى بېكىتكەن شەھەر باشلىقىغا، يۇقىرى ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىڭلار.
يۈزىنى ياپقان ئاياللارغا قويۇلغان بۇ چەكلىمىلەر ئۈرۈمچى مىقياسىدا ئوخشاش يۈرگۈزۈلۈۋاتامدۇ؟ يۈزى يېپىق ئاياللارغا قارىتا يەنە قانداق چەكلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلماقتا؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەڭرىتاغ رايونىدىكى يەنە بىر مەھەللە ئىش باشقۇرۇش كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دۆلەت مەمۇرى، يۈزىنى ياپقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلەرنىڭ پەقەت ئۆي ئىجارە بەرمەسلىك بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، ھەر قايسى ئىدارە، ئورگانلاردا يۈزىنى ياپقانلارنىڭ ئىشىنى بېجىرىپ بەرمەسلىك ھەققىدىمۇ بۇيرۇق بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۈ، بۇ خىل سىياسەتكە ئۆزىمۇ نارازى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئاپتونومىيە قانۇنلىرىدا ۋە ياكى باشقا ھەر قانداق قانۇن-نىزاملىرىدا، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقادى بويىچە كىيىنىشىگە يول قويماسلىق ۋە ياكى قانداقلىكى بىر خىل كىيىنىش ئۇسۇلىنىڭ بىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ماددىنى تاپالمايمىز، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزىنى ياپقان ئاياللارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ ئۆزى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھېجابلانغانلىقى، يۈزىنى ياپقانلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە، ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا جۈرئەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پەرقلىق يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىز چەكلەش باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ سىياسەت ئالدىدا قانۇننىڭمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى، خەلق نارازىلىقىنى توغرا يولدا ئىپادىلەشكە مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل رادىكال ئۇسۇللاردا نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.