بىڭتۇەننىڭ 60 يىللىق تارىخىدىكى ۋەزىپىلىرى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشى

0:00 / 0:00

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىل خانىدانلىقى ھېسابلانغان بىڭتۇەن، 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىنقىلابى كومىتېتى» نىڭ تۇنجى سېكرېتارى، ۋاڭ جىننىڭ تەشەببۇسى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان بىر ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورگان ئىدى. ماۋ زېدۇڭ بىڭتۇەن ئارقىلىق «يەرلىكلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، بىڭتۇەننىڭ زوراۋان كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە بىڭتۇەن ئارقىلىق شەرقىي تۈركستاندىكى يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش» نى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىڭتۇەن ئەكسىچە بىر نەتىجە بەرگىنى ئۈچۈن، 1975- يىلى ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قالغان. ئەپسۇسكى، ۋاڭ جېننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1981-يىلى بىڭتۇەن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

بىڭتۇەننىڭ 60 يىللىق تارىخىدىكى ۋەزىپىلىرى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشلىرىگە قىزىقامسىز؟

ئۇنداقتا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، گېرمانىيىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، بىڭتۇەن ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرى تەييارلىغان ژۇرنالىست پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.