ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي تەربىيەگە ئائىت يېڭى بەلگىلىمە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئېلان قىلغان يېڭى بەلگىلىمىدە مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ۋە ئۇسۇلدا دىنىي تەربىيە بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆسمۈرلەرنى دىنىي تەربىيەگە قىزىقتۇرغۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەزكۇر بەلگىلىمە ئېلان قىلىنىشى بىلەن خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلىپ، بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك ھادىسە» دەپ كۆرسەتتى.

بۈگۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، شۇنداقلا «شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئېگە بولىدىغان يېڭى مائارىپ نىزامنامىسىدە ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ھېچقانداق شەكىلدە دىنىي تەربىيە بېرىشكە بولمايدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قاتتىق چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نىزامنامىدە ئېنىق قىلىپ «ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆسمۈرلەرنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى، جەلپ قىلىشى ياكى زورلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. خەۋەردىكى تەپسىلىي مەزمۇنلاردا بۇ يەردە ئېيتىلغان «دىنىي پائالىيەت»لەرنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى ۋە دىنىي لىباسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» ئۆز ئوبزورىدا بۇ ماددىلارنى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى بىلەن ئاياللارنىڭ ھېجاپلىنىشىنى مەنئى قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئەكس ئېتىشى، دەپ كۆرسىتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە مەزكۇر يېڭى نىزامنامىدە «ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى بايقىغان ھامان توسۇش ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن ماددىلار بار. «ئەل جەزىرە خەۋەرلىرى»، رويتېرىس ئاگېنتلىقى، «ھىندىستان تېز پويېزى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ماددىلارغا سېلىشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى مەنئى قىلغان، يېقىنقى بىرنەچچە يىلنىڭ ئىچىدىلا يەرلىك دائىرىلەر شىنجاڭ تەۋەسىدىكى يوشۇرۇن دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يوقاتقان بولسىمۇ، شىنجاڭ تەۋەسىدە ھەق ھوقۇقلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە» دەپ ئىزاھلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ پەقەت ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا توغرا كەلگەندە بۇ قانۇنلارنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نىزامنامىدە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش، شۇ ئارقىلىق «ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەيدىغان، ھەقىقەت ئىزدەيدىغان، شۇنداقلا نادانلىق ۋە خۇراپىيلىققا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان» مۇھىت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ نىشانغا يېتىشكە قادىر بولالمىغانلارنىڭ تېگىشلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا «تەربىيە» ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ۋاشىنگتوندىكى «يېڭى ئامېرىكا فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك مېير بۇ خىلدىكى دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى «دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىدېئولوگىيە مەسىلىلىرىنى جىنايى قىلمىشلار قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىش» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇشۇ يوسۇندا دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەتتا ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىشتەك ئادەتلەرنىمۇ مەنئى قىلىش، مانا مۇشۇ مەقسەتتە يولغا قويۇلغان، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەرگىزمۇ تەسادىپى بولۇپ قالمىغان.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشىدىكى ئاداققى مەقسىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوق قىلىش» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر 1-نويابىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى «بۇ خىلدىكى زورلۇق سىياسىتى ئۇيغۇرلار رايونىدا يېڭى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ مۆلچەرلىمەكتە.