يېقىنقى كۈنلەردە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئېغىر دەرىجىدىكى توپا-تۇمان ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ۋە كەلكۈنگە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرمەكتە.
خوتەنگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن ئېغىر توپا ياققانلىقتىن يېڭى مايسا بولغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئېغىر زەخمە يەتكەنلىكى مەلۇم، شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراۋاتقان دېھقانلارنى «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش» ۋە «قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى» دېگەندەك باھانىلەردە ھاشارغا تۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كۈچلۈك قۇم-بوران تەسىرىدە قەشقەر شەھىرى، پەيزىۋات ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىلىرى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كۆپلىگەن جايلار، قويۇق سېرىق رەڭلىك توپا-تۇمان ئاستىدا قالغان، بەزى جايلار ئېغىر قۇم-بوران، قارا يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. بەزى ھاۋارايى ئىستانسىلىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىشىنى، ئاپتوموبىللارنى ئەڭ ئاستا سۈرئەتتە ھەيدىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ھالبۇكى، بۇ ھەقتە قۇم بوران ۋە توپا چاڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان جايلاردىن خوتەننىڭ لوپ ناھىيىدىكى يېزا، كەنتلەرگە قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدە دېھقانلار كەلكۈن ئاپىتىنىڭ بۇ يىل يىللاردىكىدىن بالدۇر باشلانغانلىقىنى، گەرچە ھازىرچە كەلكۈن چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، يېقىنقى كۈنلەردە ئىزچىل توپا يېغىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئېغىر زەرەر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن 13-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇاغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا ئاجىزلىق مەسىلىلىرى بارلىقىنى، مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن قۇملىشىشقا قارشى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش يولىدا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولغاندەك، خوتەن ۋىلايىتىدە نامراتلىق ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، نامراتلىققا پېتىپ قېلىش ئامىللىرى، تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش، تەبىئىي شارائىت، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە بۇ جايدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە مىللىي سىياسەت قاتارلىق مۇرەككەپ ئامىللار بىلەن زىچ باغلانغان. بارغانچە ناچارلاۋاتقان تەبىئىي مۇھىتمۇ نامراتلىشىشنىڭ نۇقتىلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
لوپ ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بۇ ھەقتە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ دېھقان يەنە، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر توپا ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىغا قارىماي، دائىرىلەرنىڭ ھاشارغا سېلىشنى ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، بىر كۈن ھاشارغا چىقمىسا 100 سومدىن جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، دېھقانلار نىڭ يىلدا مۇشۇنداق ھاشارغا ئىشلەيدىغان ۋاقتى تەخمىنەن ئىككى ئايغا توغرا كېلىدىكەن شۇنداقلا بۇ ھاشار مۇنتىزىم داۋاملاشماقتا. بۇ يىل ئەتىياز كىرىشى بىلەن ھۆل-يېغىنلىق ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر ئاممىنى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە لوپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، رايوندا توپا-تۇمان ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇش ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قويدى.
گەرچە دائىرىلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن 2004-يىلى بىكارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك-ھاشارنى تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھالبۇكى خوتەن دېھقانلىرىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا ھاشاردىن باش كۆتۈرەلمەي كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىنىڭ بىر كەنت كادىرى، دېھقانلارنىڭ يېرىنىڭ ئاز، دېھقانچىلىققا سالىدىغان مەبلىغى ۋە تېخنىكىسى كەمچىل بولۇشنىڭ ئۈستىگە، توختىماي سىياسىي ئۆگىنىش ۋە ھاشارغا تۇتۇشنىڭ دېھقانلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.
يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى«نامراتلىقنى تۈگىتىش» خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، خوتەن خەلقىنى نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
دائىرىلەرنىڭ ئېلان قىلىشىچە خوتەندە 703 مىڭ 500 نامرات نوپۇس بار بولۇپ، پۈتۈن رايوندىكى نامرات نوپۇسنىڭ 27% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ.